باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايون ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ مېترو قۇرۇلۇشىغا مەبلەغ ئاجرىتىپ پاي قوشىدۇ

2014.09.15 09:12         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  11–سېنتەبىر ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت مۈلكى مەبلەغ باشقۇرۇش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى بىلەن ئۈرۈمچى شەھەرلىك شەھەر رېلىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى مەبلەغ چىقىرىش ۋە پاي كۆپەيتىش كېلىشىم ئىمزالاش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى ، ئاپتونوم رايون ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ مېترو قۇرۇلۇشىغا % 30 مەبلەغ سېلىپ پاي قوشىدىكەن .

  ئىگىلىنىشىچە ، ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت مۈلكى مەبلەغ باشقۇرۇش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ تىزىمغا ئالدۇرغان كاپىتالى 2 مىليارد 390 مىليون يۈەن ، مەبلەغ ئومۇمىي سوممىسى 58 مىليارد 300 مىليون يۈەن بولۇپ ، ئاپتونوم رايوننىڭ شۇ دەرىجىلىك بىردىنبىر ھۆكۈمەت مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش سۇپىسى ئىكەن ، بۇ شىركەت ئاپتونوم رايوننىڭ سۇ ئىشلىرى ئەسلىھەلىرى ، يېزا تاشيولى ، ئەمىن ئولتۇراقلاشتۇرۇپ ، خەلقنى بېيىتىش ، مۇقىم ئولتۇراقلاشتۇرۇپ ، چارۋىچىلىقنى گۈللەندۈرۈش ، كاپالەت خاراكتېرلىك تۇرالغۇ قاتارلىق نۇقتىلىق زور بىر تۈركۈم ئاساسىي ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشى ۋە خەلق تۇرمۇشى تۈرى قۇرۇلۇشلىرىنى ئۈنۈملۈك مەبلەغ كاپالىتى بىلەن تەمىن ئېتىدىكەن .

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ھوقۇق بېرىشىگە ئاساسەن ، ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت مۈلكى مەبلەغ باشقۇرۇش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ئاپتونوم رايونغا ۋەكىل بولۇپ ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىس قاتنىشى 1-، 2–لىنىيەسى تۈرىگە 30% كاپىتال ئاجرىتىپ ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك شەھەر رېلىسى گۇرۇھى شىركىتىگە پاي قوشىدىكەن .

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر