باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئايغا چىققان تۇنجى ئالەم ئۇچقۇچىسى: ئاتالمىش «ئايغا چىقىش ئالدامچىلىقى» پىسەنت قىلماسلىق لازىم

2014.09.15 15:46   مەنبە: خەلق تورى

ئايغا چىققان تۇنجى ئالەم ئۇچقۇچىسى: ئاتالمىش «ئايغا چىقىش ئالدامچىلىقى» پىسەنت قىلماسلىق لازىم

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: ئارمستروڭ بىلەن بىرگە تۇنجى بولۇپ ئايغا چىققان باز ئالدرىن 14-چېسلا شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: «ئاتالمىش ‹ئايغا چىقىش ئالدامچىلىقى› ھەققىدە بىر نەرسە دېيىشىمنىڭ ھاجىتى يوق.»

  ئۇلارنىڭ «تاشقى پىلانت ئادىمى بازىسىنى كۆردۇق» دېگەن خەۋىرىگە قارىتا، بېيجىڭدا 27-نۆۋەتلىك ئالەم بوشلۇقى ئىزدەنگۈچىلىرى جەمئىيىتىنىڭ يىللىق يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان ئالدرىن مۇنداق دېدى: «ئاي شارىغا ئۇچۇش جەريانىدا، ھاۋا ئېقىمىنى تەڭشەش قاپقىقى ئاجراپ چىقىپ، ئۇنىڭ تۆت پارچە تاختىسى تۆت تەرەپكە ئۇچۇپ كەتتى، مەن دېرىزىدىن بىر تاختىنىڭ نۇر قايتۇرغانلىقىنى كۆردۈم، ئۇ ھەرگىزمۇ تاشقى پىلانت ئادىمى بازىسى ئەمەس». ئۇ مۇنداق دېدى: «بەزىلەرنىڭ تاشقى پىلانت ئادەملىرىنىڭ ئۇچار كېمىسى يولبويى ئۇلارغا ئەگىشىپ ئاي شارىغا چىقىپتۇ دېيىشىدىكەن، مەن ئەزەلدىن ھيۇستونغا بۇنداق دوكلات بېرىپ باقمىدىم.»

  ئالدىرىن ئاي شارىغا قونغان ئۇنتۇلغۇسىز پەيتلەرنى ئەسلەپ مۇنداق دېدى: «مەن ئارمستروڭنىڭ مۈرىسىگە شاپقلاقلاپ قويۇپ، ئۇنىڭ بىلەن قول تۇتۇشتۇم ۋە <بىزگە ئاخىرى قىلىدىغان ئىش چىقتى> دېدىم. «بىز ئالەم كېمىسىنىڭ بۆلۈنمىسىدىن چىقتۇق، ئاي شارى توپىسى تولىمۇ يۇمشاق ئىكەن، ئاياغلىرىمىزمۇ ناھايىتى يۇمشاق ئىدى».

  جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·مائارىپنى راۋاجلاندۇرىدىغان ئاكتىپ ئېنېرگىيە توپلايلى
      ·ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئىجتىمائىي پەن، تەبىئىي پەن دەپ ئايرىلمايدۇ
      ·بىر ئىمتىھان بىلەن ئۆمۈرلۈك تەقدىرى بەلگىلىنىپ كېتىدىغان ئەھۋالغا خاتىمە بېرىلىدۇ
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: ھۆكۈمەت مەكتەپلىرىدىكى غوللۇق ئوقۇتقۇچىلارنى ئالماشتۇرۇپ ئىشقا قويۇشنى ئىلگىر…
      ·جېجياڭدا بىر باشلانغۇچ مەكتەپ «ئۆگزە مەيدان» سالدى(1)
      ·مائارىپ مىنىستىرلىكى ئالىي مەكتەپكە يېڭى كىرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ سالاھىيىتىنى قايتا تەكشۈرۈشنى تەلەپ …
      ·بېيجىڭ سەنئەت–تاراتقۇ كەسپىي ئىنستىتۇتى شىنجاڭدىن ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار 100 ئوقۇغۇچىنى ھەقسىز …
      ·بالىڭىزنىڭ تاپشۇرۇق ئىشلىشىگە ماسلىشامسىز
      ·ئالىي مەكتەپلەرگە يېڭىدىن قوبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچىلار دۆلەت ئوقۇش ياردەم قەرز پۇلىنى قانداق ئىلتىماس…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى يېڭى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوقۇشقا كىرىش سالاھىيىتىنى قايتا تەكشۈرۈشنى …