باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىزنىڭ ئوتتۇرا، غەربىي قىسىملىرىنىڭ شەھەر-بازارلىشىشى تېزلەشتى

2014.09.16 09:37         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندا ئوتتۇرا، غەربىي قىسىمدىكى شەھەر-بازارلارنىڭ كەسپىي تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، نۇرغۇن دېھقانلار ئۆز يېرىدىلا شەھەر-بازارلاشتى، يەنە بىر قىسىم سىرتلارغا چىقىپ ئىشلەمچىلىك قىلغانلار يۇرتلىرىغا قايتىپ ئىشقا ئورۇنلاشتى، ئىگىلىك تىكلىدى ھەمدە ئۆز يېرىدىكى ئوتتۇرا، كىچىك شەھەر-بازارلارغا ماكانلاشتى.

  خېنەن ئۆلكىسىنى مىسالغا ئالساق، 2011-يىلى يېزا ئەمگەكچىلىرىدىن 24 مىليون 500 مىڭدىن كۆپرەك كىشى يۆتكەلگەن، بۇنىڭ ئىچىدە ئۆلكە ئىچىدە يۆتكىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشقان يېزا ئەمگەكچىسى تۇنجى قېتىم ئۆلكە سىرتىغا چىققانلاردىن ئېشىپ، پەرقى 780 مىڭ كىشىگە يەتكەن، يېزا ئەمگەكچىلىرىنىڭ يېقىن جايدا ئىشقا ئورۇنلىشىشى دائىملىق ئەھۋالغا ئايلانغان.

  سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، %60تىن كۆپرەك دېھقان ئىشلەمچى يەنىلا شەرقىي قىسىمدا ئىشقا ئورۇنلاشقان، ئەمما شەرقىي قىسىمدا دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ سانى ئاز ئېشىش، ھەتتا ئازىيىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلگەن، ئوتتۇرا، غەربىي قىسىمدىكى دېھقان ئىشلەمچىلەر سانى ئىزچىل بىرقەدەر تېز ئاشقان، ئوتتۇرا، غەربىي قىسىمدىكى دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئۇدا شەرقىي قىسىمدىكىدىن تېز بولغان.

  گۇيجۇ ئۆلكىسى ئەنشۇن شەھىرى پىڭبا ناھىيەسى سانائەت رايونىدىكى بىر زاۋۇتتا، 48 ياشلىق ۋاڭ جىنشيۇ كەپشەرلىگۈچنى ئېلىپ، كەپشەرلەش مەشغۇلاتى قىلىۋاتاتتى. جېجياڭدا ئون نەچچە يىل ئىشلەمچىلىك قىلغان، خېلى يۇقىرى تېخنىكا ئۆگەنگەن بۇ ئايال مۇنداق دەيدۇ: ئىلگىرى سىرتتا كىرىمىمىز خېلى يۇقىرى بولسىمۇ، ئۆيدىكى چوڭلار ۋە بالىلاردىن خاتىرجەم بولالمايتتۇق، ھازىر يۇرتىمىزدا پۇرسەت بار، كىرىمىمىز ئازلىغان بولسىمۇ، خاتىرجەم ئىشلىيەلەيدىغان بولدۇق. پىڭبا ناھىيەسى سانائەت رايونىغا تايىنىپ، كەسىپ بىلەن ناھىيە بىر-بىرىگە تۈرتكە بولغان كىچىك شەھەر-بازارنى بەرپا قىلدى. 10 يىلغا يېقىن تەرەققىيات ئارقىلىق، شەھەر-بازار ئەندىزىسى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندى. بۇ رايوندا ھازىر ئالتە مىڭدىن كۆپرەك كىشى ئىشقا ئورۇنلاشتى، بۇنىڭ ئىچىدە يېرىمىغا يېقىنى ۋاڭ جىنشيۇغا ئوخشاش يەرلىك كىشىلەر.

  يېقىندا، مەملىكەت بويىچە يېڭى نوپۇس ئىسلاھاتى چارىسى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، مەمۇرىي بازارلار ۋە كىچىك شەھەرلەرگە ماكانلىشىش ئومۇميۈزلۈك قويۇۋېتىلدى. خالىسىلا، قانۇنلۇق، مۇقىم تۇرالغۇسى بولسا، ئىجارە ئالغان ئۆي بولسىمۇ ماكانلىشىشقا بولىدۇ، ئوتتۇراھال شەھەرلەردىمۇ پات ئارىدا ئاساسەن قويۇۋېتىلىدۇ. دېھقانلارنىڭ «يەر-زىمىن ئۈچ ھوقۇقى»دىن ۋاز كېچىشى ياكى چېكىنىپ چىقىشىنى شەھەرلەرگە ماكانلىشىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى قىلمىغان ئاساستا، كۈنسېرى قويۇۋېتىلگەن ماكانلىشىش سىياسىتى نۇرغۇن دېھقانلارنىڭ شەھەرلىشىش ئارزۇسىنى روياپقا چىقاردى.

  بۇندىن باشقا، كارخانا ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ ئاساسىي ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى بىلەن قاپلىنىش دائىرىسىنى كېڭەيتىش، شەھەر-يېزا ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تۈزىمىنى يۆتكەپ داۋاملاشتۇرۇش قاتارلىق ئىسلاھات تەدبىرلىرى ئوڭۇشلۇق ئالغا سىلجىتىلىپ، نۇرغۇن دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئوتتۇرا، غەربىي قىسىمدىكى شەھەر-بازارلاردا ئىشقا ئورۇنلىشىشى ۋە ماكانلىشىشى تېخىمۇ قولايلاشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر