خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: شىنخۇا ئاگېنتلىقى مىكرو بىلوگىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، زۇڭلى لى كېچياڭ 11-سېنتەبىر تيەنجىن شەھىرى بىنخەي يېڭى رايونلۇق مەمۇرىي تەستىق ئىدارىسىنى كۆزدىن كەچۈرگەن.
ئورگانلارنى ئىخچاملاپ، ھوقۇقنى تۆۋەنگە چۈشۈرگەندىن كېيىن بىر تامغا ئىلگىرىكى 109 تامغىنىڭ ئورنىغا دەسسىتىلدى. لى كېچياڭ بىكار قىلىنغان بىر تامغىنى قولىغا ئېلىپ، «بۇ تامغا نېمىدېگەن پۇختا ئىشلەنگەن-ھە! ئۇ قانچىلىغان ئادەمگە چۈشەك بولغان بولغىيتى!» دېدى. ئۇنىڭ شاھىد بولۇشى بىلەن، 109 تامغا مەڭگۈلۈك پېچەتلەندى. زۇڭلى مۇنۇلارنى ئالاھىدە تاپىلىدى: بۇ تامغىلار پېچەتلەنگەندىن كېيىن ھەرگىز قايتا ئېچىلمىسۇن، ئۇلارنى ئۈزۈل-كېسىل تارىخقا ئايلاندۇرايلى.
لى كېچياڭ تيەنجىن شەھىرى بىنخەي يېڭى رايونلۇق مەمۇرىي تەستىق ئىدارىسىنى كۆزدىن كەچۈرگەندە، تەكلىپكە بىنائەن تەكشۈرۈپ تەستىلىغۇچىلار بىلەن بىللە بىر خۇسۇسىي داۋالاش ئاپپاراتىنىڭ تىجارەت كىنىشكىسىگە تامغا باستى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئېلىمىزنىڭ داۋالاش ئاپپاراتلىرى، داۋالاش مۇلازىمىتى ۋە داۋالاش بايلىقى بىلەن پۇقرالارنىڭ ئېھتىياجى ئوتتۇرىسىدا يەنىلا ئىنتايىن چوڭ پەرق بار، خۇسۇسىي داۋالاش ئاپپاراتلىرى بۇ جەھەتتىكى يېتەرسىزلىكنى تولدۇرۇپ، كۆپ قاتلاملىق داۋالاش مۇلازىمىتى بازىرىنى جانلاندۇرۇشى كېرەك.
جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى