باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

خەينەن بىكار قالغان 130 مىڭ يەرنى ئېنىقلىدى

2014.09.16 09:24         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بىر تەرەپتىن نۇرغۇن يەرلەر ئىشلەتمەي بىكار قېلىش، يەنە بىر تەرەپتىن ئىقتىسادقا تۈرتكە بولىدىغان بىر قىسىم ياخشى تۈرلەرگە ئىشلىتىدىغان يەر بولماسلىق ئەھۋالىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، خەينەن ئۆلكىسى ئىشلەتمەي بىكار تۇرۇپ قالغان يەرلەرنى ئېنىقلاش خىزمىتىنى باشلىدى. بۇ يىل 7-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، بىكار قالغان 132 مىڭ 400 مو يەرنى ئېنىقلاپ چىقتى. بۇنىڭ ئىچىدە، بىكار قالغان ۋاقتى ئەڭ ئۇزۇن بولغان يەرلەرگە 20 يىلدىن ئاشقان. بىكار قالغان بۇ 130 مىڭ مودىن ئارتۇق يەر خەينەن ئۆلكىسىنىڭ يېقىنقى ئىككى يىلدىكى تەر تەمىنات مىقدارىغا توغرا كېلىدۇ. بىكار قالغان يەرلەرنى ئېنىقلاپ، ئېنىقلانغان يەرلەرنى نورمال يۈرۈشتۈرۈش ئۈچۈن، خەينەن ئۆلكىسى نۇقتىلىق يەر، نۇقتىلىق كارخانا، نۇقتىلىق سانائەت باغچىسى، نۇقتىلىق دېلودىن ئىبارەت تۆت مۇھىم نۇقتىنى ئايدىڭلاشتۇردى ھەم يەرنى بېسىپ يېتىۋالغان 12 ئورۇن بىلەن سۆھبەتلەشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر