باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيەسىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتى نەزەرىيە مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلدى

2014.09.16 09:23         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيەسىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتى نەزەرىيە مۇھاكىمە يىغىنى تۈنۈگۈن بېيجىڭدا ئېچىلدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزى كومىتېتى سىياسىي بىيۇرۇسى دائىمىي كومىتىتىنىڭ ئەزاسى، مەركەز پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيەسىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى ليۇ يۈنشەن يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يۈرۈشلۈك مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۈگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيەسىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش مۇۋاپپەقىيەتلىك تەجرىبىلىرىنى ئەستايدىل خۇلاسىلەپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىغا بولغان قانۇنىيەتلىك تونۇشنى كۈچەپ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەنىنى ئىزچىللاشتۇرۇشنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك.

  ليۇ يۈنشەن مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بۇ قېتىمقى پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيەسىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشتە خەلق ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىش پاك تەلەپچان بولۇش باش تېمىسىنى زىچ چۆرىدىگەن ھالدا «ئەينەككە قاراپ، ئۆزىنى رۇسلاش، نۇقسانلارنى تېپىپ چىقىپ، ئۆزىنى تۈزەش» باش تەلىپى بويىچە، «شەكىلۋازلىق، بىيۇكراتلىق، راھەتپەرەسلىك، ھەشەمەتچىلىك ئىستىلى»غا قارىتا، قاتتىق تەنقىدلەش ۋە ئۆز-ئۆزىنى تەنقىدلەشنى قانات يايدۇرۇپ، گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى مەخسۇس تۈزەپ، ئىستىلدىكى كۆز بويامچىلىقنى قەتئىي تۈزىتىپ، پارتىيە ئىستىلى ھۆكۈمەت ئىستىلىنى ياخشىلاشنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇھىم ئەمەلىي نەتىجە، تۈزۈم نەتىجىسى، نەزەرىيە نەتىجىسىنى قولغا كەلتۈردۇق. ئەمەلىيەت پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيەسىنىڭ ئۆچمەس ھاياتلىق لىنىيەسى ۋە مەڭگۈ ئارقىدا قالمايدىغان تەۋەرۈك ئېكەنلىگىنى، چوقۇم پارتىيەنى ئىدارە قىلىش ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشنىڭ بارلىق ئەمەلىيتىدە داۋاملىق ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش كېرەكلىگىنى ئىسپاتلىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر