ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ 17-قېتىملىق قاتناشنى قوغداش ئەترىتى 14-سېنتەبىر ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ پايتەختى ئابۇدەبىدىكى زايېد پورتىغا يېتىپ كېلىپ ، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدىكى بەش كۈنلۈك دوستانە زىيارىتىنى باشلىدى . ‹‹ چاڭچۈن ›› ناملىق قوغلىغۇچى پاراخوت بىلەن ‹‹ چاڭجو ›› ناملىق قوغدىغۇچى پاراخوتتىن تەشكىللەنگەن قاتناشنى قوغداش ئەترىتى زايېد پورتىدا ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ دېڭىز ئارمىيە ئوفىتسېر–ئەسكەرلىرى ، جۇڭگونىڭ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىنىڭ خىزمەتچى خادىملىرى ، جۇڭگونىڭ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدە تۇرۇشلۇق مەبلەغ سېلىش ئورگانلىرى ۋە كارخانىلىرى ، جۇڭگولۇق مۇھاجىرلار ۋەكىللىرىنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا مۇيەسسەر بولدى .