باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو سۈپەت بېيجىڭ يىغىنى ئېچىلدى

2014.09.16 09:18         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «سۈپەت، يېڭىلىق يارىتىش، تەرەققىيات» باش تېمىسىدىكى تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو سۈپەت بېيجىڭ يىغىنى تۈنۈگۈن خەلق سارىيىدا ئېچىلدى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە مۇھىم سۆز قىلدى. ئامېرىكا، ياۋروپا قاتارلىق دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەنلەر، خەلقئارا سۈپەت تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇللىرى، جۇڭگولۇق ۋە چەتئەللىك كارخانىچىلار، مۇتەخەسسس ئالىم بولۇپ 600دىن ئارتۇق كىشى يىغىنغا قاتناشتى.

  لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: سۈپەت- خەلقئارا ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچنىڭ مەركەزلىك ئىپادىلىنىشى، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشتىكى ئاچقۇچ بولۇپ، نەچچە مىليون خەلقنىڭ بەخت-سائادىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئوتتۇرا تېز سۈرئەتتە ئېشىشى، ئوتتۇرا يۇقىرى سەۋىيەگە كۆتۈرۈلۇشنى ساقلاشتا ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشىگە تۈرتكە بولىدىغان مەۋقەنى ئىقتىسادنىڭ سۈپەت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشكە قارىتىشى، دىققەت مەركەزنى مەھسۇلات سۈپىتى ۋە مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە قارىتىشى، سۈپەت جان، سۈپەت تەرەققىيات ئۈنۈمى ۋە قىممەت قارىشى دېگەن ئاڭنى مەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئىقتىسادى ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى سۈپەت دەۋرىگە باشلاش كېرەك.

  لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: سۈپەت بىخەتەرلىكىنى قوغداش- دۇنيانىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتى. ھەر قايسى دۆلەتلەر سۈپەت ئۆلچىمى، تېخنىكا تەتقىق قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، كۈچلۈك نازارەت قىلىش باشقۇرۇش ھەمكارلىق مېخانىزمىنى تۇرغۇزۇشى كېرەك. جۇڭگونىڭ ئىشىكنى ئىچىۋېتىشى بارغانسېرى كېڭىيىدۇ، بىز تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك سىرتقا ئىچىۋېتىش ۋە ھەمكارلىق سىستېمىسىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، سودىنى ئەركىنلەشتۈرۈشنى تەشەببۇس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىمپورتنى داۋاملىق زورايتىپ، مۇلازىمەت كەسپىنىڭ بازارغا كىرىشىنى داۋاملىق كېڭەيتىمىز، تېخىمۇ كۆپ چەتئەل كارخانىلىرىنىڭ جۇڭگو بازارلىرىغا كېلىپ ئەركىن رىقابەتكە قاتنىشىشنى قارشى ئالىمىز، ئۆز-ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ تەڭ غەلبە قىلىش ھەمكارلىقىدا ئورتاق تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر