- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


مەركەز يېزا ئىگىلىكى ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن 5 يىلدا 31 مىليارد 100 مىليون يۈەن مەبلەغ ئاجراتتى
بۇنىڭدىن كېيىن نۇقتىلىق ھالدا جەنۇبىي شىنجاڭغا ياردەم بېرىلىدۇ
2014.09.15 15:41 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-سېنتەبىر ئۈرۈمچىدىن بەرگەن خەۋىرى: مۇخبىرنىڭ 14-سېنتەبىر ئېچىلغان مەملىكەتلىك يېزا ئىگىلىك ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش سۆھبەت يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، يېزا ئىگىلىكى ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش 5-يىلغا قەدەم قويۇپ، سىياسەت ۋە مەبلەغ ياردىمى، ئىختىساسلىقلار ۋە پەن-تېخنىكا تىرىكى، ئېكىلوگىيە-مۇھىت مۇھاپىزىتى، يېزا ئىگىلىك ئالاقە-ھەمكارلىقى قاتارلىق تەرەپلەردە كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمى بەرگەن. 2010-يىلىدىن ھازىرغىچە، يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۈەنگە سالغان تۈرلۈك مەركەز مەبلىغى 31 مىليارد 100 مىليونغا يېتىپ، 11-بەش يىللىق يىرىك پىلان مەزگىلىدىكىدىن 3.3 ھەسسە ئاشقان؛ دۆلەت ياردەم سىياسىتىنى مايىللاشتۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، شىنجاڭغا سورتلۇق بۇغداي، چوڭ تىپتىكى پاختا تېرىش ماشىنىسى تولۇقلىمىسى بېرىش ئۆلچىمىنى ئۆستۈرۈپ، يېزا ئىگىلىك سۇغۇرتا تولۇقلىمىسى بېرىش دائىرىسىنى كېڭەيتكەن. سىستېما بويىچە ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ يېزا ئىگىلىك تارماقلىرىمۇ ياردەم مەبلىغىنى كۆپەيتكەن.
جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر