باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

يۈ جېڭشىڭ يېقىندا شەندۇڭدا تەكشۈردى

2014.09.16 09:21         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزى كومىتېتى سىياسى بىيۇرۇسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي مەسلىھەت كېڭىىشىنىڭ رەئىسى يۈ جېڭشىڭ يېقىندا شەندۇڭدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يۈرۈشلۈك مۇھىم سۆزى ۋە 2-قېتىملىق مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى روھىنى چوڭقۇر ئۈگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى شىنجاڭلىق شىزاڭلىق ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيەلەش خىزمىتىنى كۆڭۈل قويۇپ ياخشى ئىشلەپ، مەركەزنىڭ شىنجاڭ، شىزاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشىنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مىللەتلەرنىڭ ھېسىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتىتپاقلىقىنى كۈچەيتىپ، ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ بېرىپ كېلىش، ئالماشتۇرۇش، ئارىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئىجابى كۈچ قوشۇش كېرەك.

  يۈ جېڭشىڭ 12-سېنتەبىردىن 15-سېنتەبىرگىچە جېنەن، بىنجوۋ قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، مەكتەپ كارخانىلار، شەھەر-يېزا مەھەلىلىرى، مەسچىتلەرگە باردى ھەمدە كۆپ قېتىم سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار بىلەن تەلىم تەربىيە خىزمىتىنى بىرلىكتە كېڭەشتى، ئاساسى قاتلام كادىرلىرى بىلەن تەرەققىيات مۇقىملىق چوڭ ۋەزىيىتىنى بىرلىكتە مەسلىھەتلەشتى.

  يۈ جېڭشىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى ئاز سانلىق مىللەت ئوقوغۇچىلىرىنى تەربىيەلەش خىزمىتى- مىللەتلەر ئىتىتپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى چوڭ ئىش. مائارىپتا يار-يۆلەك بولۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۆزىنىڭ بالىسىغا كۆڭۈل بۆلگەنگە ئوخشاش ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنى تەربىيەلىگەنلىك. ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورنۇتۇش، خەنزۇ ئائىلىلىرىگە بېرىش، سىرتقا ساياھەتكە چىقىش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى كۆپ تەشكىللەپ، ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنى ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى ئىتىراپ قىلىش، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنى ئىتىراپ قىلىش، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى ئىتىراپ قىلىش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزىم يولىنى ئىتىراپ قىلىشقا يىتەكلىشىمىز كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر