باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

پارتىيەگە ئەزا تەرەققىي قىلدۇرۇش ساننى تىزگىنلەپ سۈپەتنى ئۆستۈرۈش باسقۇچىغا كىردى

2014.09.16 13:22         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە ئەزالىرى قۇرۇلۇشىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، بىر يۈرۈش يېڭى ئورۇنلاشتۇرما، يېڭى تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. 5-ئاينىڭ 28-كۈنى، مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى ئېلان قىلغان «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پارتىيەگە ئەزا تەرەققىي قىلدۇرۇش خىزمىتىنىڭ تەپسىلىي پىرىنسىپى»دا پارتىيەگە ئەزا تەرەققىي قىلدۇرۇش خىزمىتىنىڭ پىرىنسىپى، ئۆلچىمى، پىروگراممىسى ۋە رەھبەرلىك مەسئۇلىيىتى، خىزمەت ئىنتىزامى قاتارلىقلارغا قارىتا ئېنىق بەلگىلىمە چىقىرىلىپ، يېڭى ۋەزىيەت ئاستىدا پارتىيەگە ئەز تەرەققىي قىلدۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى مۇھىم قوللانما بىلەن تەمىنلىدى. بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، جايلار ۋە تارماقلار مەركەزنىڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئومۇمىي ساننى كونتىرول قىلىش، قۇرۇلمىنى ئەلالاشتۇرۇش، سۈپەتنى ئۆستۈرۈش، رولىنى جارى قىلدۇرۇش» ئومۇمىي تەلىپىگە ئاساسەن، پارتىيەگە ئەزا تەرەققىي قىلدۇرۇش خىزمىتىنى قەتئىي بوشاشماي ياخشى ئىشلەپ، كۆرۈنەرلىك نەتىجىگە ئېرىشتى، پارتىيەگە ئەزا تەرەققىي قىلدۇرۇش خىزمىتى يېڭى باسقۇچقا كىردى.

  ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى مەنبە قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتۇپ، نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، تەرەققىي قىلدۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، زور بىر تۈركۈم ئىلغارلار ۋە مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارنى پارتىيە تەشكىلاتى ئەتراپىغا ئۇيۇشتۇردى، 2013-يىلنىڭ ئاخىرىدا، مەملىكەت بويىچە پارتىيەگە كىرىشنى ئىلتىماس قىلغانلار 21 مىليون 661 مىڭغا، پارتىيەگە كىرىش ئاكتىپلىرى 10 مىليون 513 مىڭغا يەتتى.

  جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر