باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئاۋغۇستتا خەلق پۇلى قەرزى يېڭىدىن 702 مىليارد 500 مىليون يۈەن كۆپەيدى

2014.09.16 09:39         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو خەلق بانكىسى 12-سېنتەبىر ئېلان قىلغان دوكلاتتىن ئايان بولۇشىچە، 8-ئايدا ئېلىمىزنىڭ خەلق پۇلى قەرزى يېڭىدىن 702 مىليارد 500 مىليون يۈەن كۆپىيىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئون مىليارد 300 مىليون يۈەن ئاشقان.

  جەمئىيەتتە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش جەھەتتە، دەسلەپكى مەلۇماتقا قارىغاندا، 8-ئايدا ئېلىمىز جەمئىيىتىدە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كۆلىمى 957 مىليارد 400 مىليون يۈەن بولۇپ، ئالدىنقى ئايدىكىدىن 683 مىليارد 700 مىليون يۈەن، بۇلتۇرنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 626 مىليارد 700 مىليون يۈەن ئاشقان.

  مەركىزىي بانكىنىڭ مەلۇماتىدىن يەنە مۇنۇلار ئايان بولدى: 8-ئاينىڭ ئاخىرىدا، ئېلىمىزنىڭ خەلق پۇلى قەرز قالدۇقى 78 تىرىليون يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %13 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى ئالدىنقى ئاينىڭ ئاخىرى ۋە بۇلتۇرنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم-ئايرىم 0.1 پوئېنت ۋە 0.8 پوئېنت ئاستا بولدى.

  ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، نۆۋەتتە ئېلىمىزنىڭ پۇل مۇئامىلە ھەرىكىتى ئاساسەن تەكشى بولماقتا، پۇل ئىناۋەتلىك قەرزى بىلەن جەمئىيەتتە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كۆلىمى مۇۋاپىق ئاشتى، ئىناۋەتلىك قەرزنىڭ قۇرۇلمىسى داۋاملىق ياخشىلاندى، بازاردىكى يۆتكىلىشچانلىقى خېلى يېتەرلىك بولدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر