- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
قاتناش ترانسپورت مىنىستىرلىقى 22 مەمۇرىي تەستىق تۈرىنى بىكار قىلدى ۋە تۆۋەنگە چۈشۈردى
2014.09.22 08:16 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
18-سىنتەبىر قاتناش ترانسپورت مىنىستىرلىقى: بۇلتۇردىن بۇيان، مىنىستىرلىقىمىز 22 مەمۇرىي تەستىق تۈرىنى بىكار قىلدى ۋە تۆۋەنگە چۈشۈردى. ھازىر ئۆلكىلەرنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇش ۋە تۆۋەنگە چۈشۈرۈش ئوتتۇرىچە نىسبىتى ئەسلىدىكى مەۇرىي تەستىق تۈرلىرىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىدىن كۆپرەكنى ئىگەللىدى، دېدى.
سۇ ترانسپورتى ۋە دېڭىز ئىشلىرى ساھەسى قاتناش ترانسپورت مىنىستىرلىقىنىڭ مەمۇرىي تەستىق ھوقۇقى ئەڭ مەركەزلەشكەن ساھە، قاتناش ترانسپورت مىنىستىرلىقى ئالدى بىلەن سۇ ترانسپورتى ۋە دېڭىز ئىشلىرى ساھەسىدە باشقۇرۇش ھوقۇقى تىزىملىكى تۈزىمى ئورنىتىش ئۈستىدە ئىزدەندى.
يەرلىك قاتناش ترانسپورت تارماقلىرى تەستىق تۈرلىرىنى ئومۇميۈزلۈك رەتكە سالدى، تەستىقلاش رەسمىيەتلىرىنى ئەڭ زور چەكتە ئاددىيلاشتۇردى، تەكشۈرۈش مۇددىتىنى قىسقارتتى. تونۇشتۇرىلىشىچە، قاتناش ترانسپورت مىنىستىرلىقى سودا-سانائەتنى تىزىملاشتىن بۇرۇنقى تەستىقلاش تۈرلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئېنىقلىغان.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر