باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

كېنىيەنىڭ ناچار بىخەتەرلىك ۋەزىيىتى ئىقتىسادىغا بولۇپمۇ ساياھەتچىلىكىگە تەسىر كۆرسەتمەكتە

2014.09.23 12:34         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شەرقىي ئافرىقىغا جايلاشقان ساياھەتچىلىكتىكى چوڭ دۆلەت كېنىيەنىڭ پايتەختى نايروبىدىكى ۋىستگېيت سودا سارىيى تېررورلۇق ھۇجۇمىغا ئۇچرىغاندىن كېيىنكى بىر يىلدىن بۇيان، كېنىيە ھۆكۈمىتى ئىقتىسادنىڭ بىخەتەرلىك ۋەزىيىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، بىخەرتەرلىكنى قوغداشنى كۈچەيتكەن بولسىمۇ كېنىيەنىڭ بىخەتەرلىك ۋەزىيىتى ناچارلىشىپ، ھۇجۇم ۋەقەلىرى ئۈزۈلمەي كېىنىيەنىڭ ئىقتىسادى بولۇپمۇ ساياھەتچىلىكىگە خېلى تەسىر كۆرسەتتى.

  مۇشۇ ئاينىڭ ئوتتۇرىدا، كېنىيە مالىيە مىنىستىرلىقى 2014-يىللىق ئەسلىدىكى %5.8لىك دۆلەت ئىقتىسادىنى ئاشۇرۇش نىشانىنى %5تىن %5.5كە چۈشۈردى. كېنىيە مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئەمەلدارى بۇنىڭ سەۋەبىنى «بىرىنچى پەسىلدە دۆلەتنىڭ ئىچكى ئىقتىسادى ياخشى بولمىدى، بولۇپمۇ ئىقتىسادنى ئاشۇرىدىغان ئاساسلىق كەسىپلەرنىڭ بىرى بولغان ساياھەتچىلىكنىڭ ئەھۋالى ناچار» دەپ چۈشەندۈردى.

  كېنىيە ساياھەت ئىدارىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا قارىغاندا، بىخەتەرلىك ۋەزىيىتىنىڭ تەسىرىدە، بۇ يىلنىڭ ئالدىنى يېرىمىدا، كېنىيەدىكى ئىككى ئاساسلىق ئايرودۇرۇم نايروبى كېياتا خەلقئارا ئايدورۇمى ۋە مومباساموي خەلقئارا ئايرودۇرۇمى كۈتىۋالغان چەتئەللىك ساياھەتچى 428 مىڭ بولغان، بۇ ئالدىنقى يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكى 495 مىڭغا قارىغاندا %13.5 ئازايغان.

  ئۆتكەن يىلى 21-سېنتەبىر، نايروبىنىڭ ئاۋات رايونىغا جايلاشقان ۋېستگېت سودا سارىيى تېررورلۇق ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان، ئۇدا تۆت كۈنگە سوزۇلغان ھۇجۇمدا 67 ئادەم قازا قىلغان. «بازا» تەشكىلاتىغا سادىق سومالىي دىنىي رادىكال تەشكىلات ياشلار پارتىيەسى كېنىيەنىڭ سومالىغا ئەسكەر ئەۋەتىپ ئۆزلىرىنىڭ خادىملىرىغا زەربەر بەرگەنلىكىدىن ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن بۇ ۋەقەنى سادىر قىلغانلىقىنى جاكارلىغان. بۇ يىل 5-ئايدا، نايروبىدا ئاممىۋى ئاپتوبۇس پارتلىتىش ۋەقەلىرى يۈز بەردى، كېنىيەنىڭ ئىككىنچى چوڭ شەھىرى مومباسادىمۇ پارتلىتىش ۋەقەلىرى ئۈزۈلمىدى، ئېغىر ئۆلۈم يېتىم بولدى.

  كېنىيەنىڭ بىخەتەرلىك ۋەزىيىتىدىن ئەندىشە قىلىپ، فىرانسىيە، ئامېرىكا، ئەنگلىيە، ئاۋىسترالىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ساياھەت ئاگاھلاندۇرۇشى چىقىرىپ، پۇقرالىدىن كېنىيەدىكى بىر قىسىم رايونلارغا بارماسلىقنى تەلەپ قىلدى. كېنىيەنىڭ داڭلىق ساياھەت شەھىرى مومباساغا ساياھەتكە كېلىدىغانلار ئازلاپ كەتكەچكە، بىر قىسىم مېھمان سارايلار خادىم قىسقارتىشقا ياكى تىجارەت قىلماسلىققا مەجبۇر بولدى.

  ساياھەتچىلىك كېنىيەنىڭ ئىككىنچى چوڭ تاشقى پېرىۋوت مەنبەسى. كېنىيە ساياھەت ئىدارىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا قارىغاندا، ئۆتكەن يىلى مەملىكەت بويىچە 1 مىليون 500 مىڭدىن كۆپرەك چەتئەللىك ساياھەتچى كۈتىۋېلىنغان، بۇ 2012-يىلدىكى 1 مىليون 780 مىڭدىن خېلىلا ئازكەن.

  دۇنيا ساياھەتچىلىك مۇدىرىيىتى بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئېلان قىلغان دوكلاتقا قارىغاندا، كېنىيەنىڭ بىخەتەرلىك ۋەزىيىتى ناچارلىشىپ، ھۇجۇم ۋەقەلىرى ئۈزۈلمىگەچكە، ساياھەتچىلىك قىيىن ئەھۋالغان قالغان. 2013-يىلى كېنىيەنىڭ ساياھەتچىلىكى ئىچكى ئىشلەپ چىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىغا تەخمىنەن 5 مىليارد 400 مىليون ئامېرىكا دوللىرى تۆھپە قوشقان، بۇ يىل تەخمىنەن %3.1 ئاشىدىكەن، بۇ ئىشىش نىسبىتى شەرقىي ئافرىقا ئورتاق گەۋدىسىدىكى دۆلەتلەر ئارىسىدا 4-ئورۇندا تۇرىدىكەن.

  تەھلىلچىلەرنىڭ ھېسابلىشىچە، ساياھەتچىلىكنى جانلاندۇرۇش ئۈچۈن، كېنىيە ھۆكۈمىتى ئالدى بىلەن ساياھەت بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەككەن. 18-سېنتەبىر كېنىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى مەملىكەتتىكى بارلىق بىخەتەرلىكنى قوغداش ئورگانلىرىنى ساياھەتچىلىكتىكى يوشۇرۇن خەۋپلەرنى يوقىتىشقا چاقىردى ھەمدە ساياھەت مەنزىرگاھلىرىدا ساقچى كۆپەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، كېنىيە ھۆكۈمىتى نەزىرىنى شەرققە تاشلاپ، جۇڭگونى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا ئاسىيانىڭ ساياھەت بازىرىنى ئاچماقچى بولدى. 10-سېنتەبىر، كېنىيە شەرقىي ئافرىقا ئىشلىرى، سودا ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى بىلەن جۇڭگو دۆلەتلىك ساياھەت ئىدارىسى ساياھەت ھەمكارلىق ئەسلەتمىسى ئىمزالاپ، تېخىمۇ كۆپ جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەرنى جەلىپ قىلىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ساياھەت ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكچى بولدى.

  كېنىيەدىكى بىر داڭلىق ساياھەتچىلىك ئورگىنىنىڭ تەھلىلچىسى ساندېرا مۇنداق دېدى: ھازىر جۇڭگو دۇنيادىكى چەتئەللەرگە ساياھەتكە چىقىش كۆلۈمى ئەڭ چوڭ بازار، 2013-يىلى چەتئەللەرگە ساياھەتكە چىققانلار 100 مىليون ئادەم قېتىمگە يەتتى، بۇ بازارغا سەل قارىغىلى بولمايدۇ.

  بۇندىن باشقا كېنىيە ھۆكۈمىتى چەتئەللەردە ساياھەت بازىرى ئېچىشنى كۈچەيتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، دۆلەت ئىچىدىكى ساياھەت بازىرىنى ئېچىشنى كۈچەيتتى. 12-سېنتەبىر، كېنىيە نايروبىدىن شىمالدىكى تۇركانانىڭ مەركىزى لودۋارغا بىۋاستە ئۇچىدىغان ساياھەت لىنىيەسى تەسسىس قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى، ئۇلار بۇ ئارقىلىق شۇ يەرنىڭ ساياسەتچىلىكى ۋە ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرماقچى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر