باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

باھاردىكى چىڭخەي-شىزاڭ ئېگىزلىكى

چىڭەي مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىش خ‍ىزمىتىدىن ئومۇمىي بايان

2014.09.22 16:20         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «گۈزەل چىڭخەي ، سۈزۈك خۇڭشۈي دەرياسى؛ مېنىڭ يۇرتۇم ئۈچ دەريانىڭ بويىدا؛ ھەر مىللەت بالىلىرى، ئىتتىپاقنىڭ گۈللىرى؛ ئاكا-ئۇكا، ئاچا-سىڭىل، بىر ئائىلە كىشىلىرى؛ سەن قولۇڭنى ماڭا بەر، مەنمۇ سۇناي ئۆزگىگە، مەكتەپلەردە ئېچىلسۇن ئىتتىپاقلىق گۈللىرى».

  بۇ چىڭەي ئۆلكىسى شىنىڭ شەھىرى چېڭشى رايونى شىڭخەي يولى باشلانغۇچ مەكتىپىدىكى ئۇستاز ۋە ئوقۇغۇچىلار بىرلىكتە توقىغان قوشاق.

  كۆپ مىللەتلىك، كۆپ دىنلىق، مەدەنىيەتكە باي چىڭخەي ــــ شىزاڭ ئاپتونوم رايونىدىن باشقا ئەڭ چوڭ زاڭزۇلار رايونى بولۇپ، مىللىي ئاپتونۇمىيە ئىگىلىگەن ئومۇمىي يەر كۆلىمى %98 دىن ئاشىدۇ، مەملىكىتىمىزدىكى مىللىي ئاپتونۇمىيە كۆلۈمى ئەڭ چوڭ ئۆلكە ھېسابلىنىدۇ. 5 مىليون 780 مىڭ نوپۇس ئىچىدە ئاز سانلىق مىللەت نوپۇسى %47 بولۇپ، مەملىكىتىمىزدىكى ئاز سانلىق مىللەت نوپۇس نىسبىتى ئەڭ كۆپ شىتاتلىق ئۆلكە ، ھەر مىللەت خەلقى ئىتتىپاقلىق ۋە بىرلىكنى قوغدايدىغان، «تۆتنى تونۇش»تا چىڭ تۇرۇشتەك «چىڭخەي ئەنئەنىسى»گە ئىگە. چىڭخەينىڭ مەنزىرىسى گۈزەل، يەر كۆلىمى 722 مىڭ 300 كىۋدرات كىلومېتىر كېلىدۇ، غەربتىكى تەرەققىي قىلمىغان رايونلارغا جايلاشقان، ئېگىزلىك رايونلىرىنىڭ بارلىق ئالاھىدىلىكىنى مۇجەسسەملەشكەن ئۆلكە. چاڭجياڭ، خۇڭخېي، لەنساڭجياڭ دەرياسىدىن ئىبارەت ئۈچ دەريا بويىغا جايلاشقان بولۇپ، شىمالىي يېرىم شاردىكى ئەڭ مۇھىم سۇ مەنبەسى، چىڭخەي دۆلىتىمىزدىكى مۇھىم ئېكولوگىيەلىك توساق ۋە ئىستراتېگىيەلىك بايلىق بازىسى، شۇنىڭدەك بىرلىكنى قوغداش، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇشنىڭ مۇھىم ئالدىنقىسەپ ئىستىكھامى.

  ئۆلكىنىڭ ئالاھىدە ئەھۋالى مىللەتلەر مەسىلىسىنى باشتىن-ئاخىرى ياخشى بىرتەرەپ قىلىشنىڭ مۇھىم بىر مەسىلە ئىكەنلىكىنى بەلگىلىدى. چىڭەينىڭ كۆپ يىلدىن بۇيانقى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىش خ‍ىزمىتىدە مول تەجىرىبىلەر توپلاندى.

  ئۆز مۇخبىرىمىز ۋېي شۇ، ۋاڭ مېي خەۋىرى

  جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى
مەنبە :خەلق تورى
  

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر