باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بۇ يىل 26 ئۆلكە دەرىجىلىك رەھبەرلىك بەنزىسى تەڭشەلدى 31 نەپەر دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى يېڭىدىن تەيىنلەندى

2014.09.22 16:30         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: يېقىندا، خۇبېي ئۆلكىسى ج ك پ مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ قوشۇلىشى، ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ قارار قىلىشى بىلەن يولداش خې جياتيېنى خۇبېي ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى ۋە تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقلىقىغا تەيىنلىدى. چۇڭچىڭ، يۈننەن، تيەنجىن، شىزاڭ قاتارلىق جايلاردا تۆت قارار مەركەز كۈزۈتۈش گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان، تەشكىلاتى كادىرلىرىنى نازارەت قىلىش ئىدارىسىنىڭ سابىق باشلىقى خې جياتيې بۇ يىلدىن بۇيان ھەرقايسى ئۆلكە، رايون ۋە شەھەر ئىچىدىكى 31- يېڭىدىن تەيىنلەنگەن ئۆلكىلىك پارتكوم دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى ھېسابلىنىدۇ. 18-قۇرۇلتايدىن ئىلگىرى، 31 ئۆلكە، رايون شەھەردە ئايرىم-ئايرىم ھالدا سايلام ئۆتكۈزۈپ، يېڭى بىر نۆۋەت ئۆلكىلىك پارتكوم دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى رەھبەرلىك بەنزىسىنى بارلىققا كەلدى. ھازىرغىچە، بۇ نۆۋەتلىك بەنزىنىڭ ۋەزىپە ئۆتىگەن مۇددىتى ئاران 2-3 يىل بولدى، 5 يىل ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىنىڭ يەنە يېرىمى بار. لېكىن 18-قۇرۇلتايدىن كېيىن چىرىلىككە زور دەرىجىدە قارشى تۇرۇش ۋەزىيىتى ئاستىدا، بۇ يىلدىن بۇيان، 10 نەپەر ئۆلكىلىك پارتكوم دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى تەكشۈرۈلۈپ، نۇرغۇن ئۆلكىلەرنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى بەنزىسى كەينى-كەينىدىن تەڭشەلدى.

  دەسلەپكى ئسىتاتىسكىغا ئاساسلانغاندا، يىل بېشىدىن ھازىرغىچە، پەقەت خۇنەن، شەنشى، چۇڭچىڭ، تيەنجىن، شەندۇڭ قاتارلىق 5 ئۆلكە(رايون، شەھەر)لەرنىڭ دائىمىي ھەيئەت رەھبەرلىك بەنزىسىدە تەڭشەش ئېلىپ بېرىلمىغان، بۇنىڭ ئىچىدىكى 26 ئۆلكىلىك پارتكوم دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى رەھبەرلىك بەنزىسىدە ئومۇمەن ئۆزگىرىش بولۇپ، جەمئىي 65 ئادەم چېتىلىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە 31 ئادەم بۇ يىل يېڭىدىن تەيىنلەنگەن دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى بولۇپ، نىسبەتنىڭ يېرىمىنى ئىگىلەيدۇ.

  جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

  مەنبە : خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر