باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر>>لى كېچياڭ

لى كېچياڭ سۈي شىئەنگە تەيىننامە بەردى

2014.09.23 12:25         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ تۈنۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن جۇڭنەنخەيدىكى زىگۇاڭگې راۋىقىدا بېيجىڭغا ۋەزىپە قوبۇل قىلىغىلى كەلگەن ئاۋمىن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ باش مەمۇرى سۈي شىئەن بىلەن كۆرۈشتى ھەمدە ئۇنىڭغا جۇڭخۇا خەلق جۇمھىرىيىتى ئاۋمىن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ 4-نۆۋەتلىك باش مەمۇرلۇقىغا تەيىنلەنگەنلىكى ھەققىدىكى گوۋۇيۈەن بۇيرۇقىنى تارقىتىپ بەردى.

  لى كېچياڭ سۈي شىئەننى تەبرىكلىدى ھەمدە سۈي شىئەننىڭ ئالدىنقى نۆۋەت ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلدە ئىشلىگەن خىزمىتىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى، لى كېچياڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مەركىزىي ھۆكۈمەت بىر دۆلەت ئىككى خىل تۈزۈم، ئاۋمىننى ئاۋمىنلىقلار باشقۇرۇش، يۈكسەك ئاپتونومىيە فاڭجىنى ۋە ئاساسى قانۇنننى داۋاملىق ئومۇميۈزلۈك توغرا ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش مەمۇر ۋە ئالاھىدە رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ قانۇن بويىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللاپ، ئىچكى ئۆلكىلەر بىلەن ئاۋمىننىڭ ئالماشتۇرۇشى ھەمكارلىقىغا پائال تۈرتكە بولۇپ، ئاۋمىننىڭ دۆلەت تەرەققياتى ئومۇملۇقىدىكى ئالاھىدە ئورنىنى تولۇق جارى قىلدۇرىدۇ، سۈي شىئەننىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلۇق ھۆكۈمەتكە رەھبەرلىك قىلىپ، پائال ئالغا ئىلگىرلەپ، دادىللىق بىلەن خىزمەت قىلىپ، سايلامغا قاتنىشىش پىروگراممىسىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دۆلەت تەرەققىياتى ئېلىپ كەلگەن يېڭى پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئاۋمىننىڭ ئىقتىسادى ۋە ئىجتىمائىي ئىشلىرىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، جەمئىيەت ئادىللىقى ۋە ئىناقلىقىغا يەنىمۇ تۈرتكە بولۇپ، بىر دۆلەت ئىككى خىل تۈزۈم ئەمەلىيىتىدە يېڭى مۇساپىنى ئېچىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

  سۈي شىئەن مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ ئۆزىنى تەيىنلىگەنلىكى ۋە ئاۋمىن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ خىزمىتىنى قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى، يەنىمۇ غەيرەتكە كېلىپ، باش مەمۇرنىڭ مەجبۇرىيىتىنى ياخشى ئادا قىلىپ، ئاۋمىننىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك گۈللىنىشى، مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگرى سۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر