خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:
ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز نىياز راھمان، تۇرسۇن راھمان، ئەخمەتجان مەتقۇربانلار خەۋىرى، فوتوسى : «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ 2014- يىللىق تەكلىپلىك مۇخبىرلار يىغىنى 22-سېنتەبىر ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى. يىغىنغا شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن تەكلىپلىك مۇخبىرلار، «شىنجاڭ گېزىتى» ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە مۇھەررىرلىرىدىن بولۇپ 50 تىن ئارتۇق ئادەم قاتناشتى.
يىغىندا «شىنجاڭ گېزىتى» ئىدارىسى پارتكومىنىڭ ھەيئىتى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى دولقۇن مۇھەممەت سەپەرۋەرلىك سۆزى سۆزلىدى، «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ ئالىي مۇخبىرى، ئاتاقلىق فوتوگراف ئۆركەش جاپپار، «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ ئالىي مۇخبىرى، تونۇلغان ئاخباراتچى ئابدۇشۈكۈر ئابدۇكېرىم قاتارلىقلار فوتوگرافىيە ۋە ئاخبارات يېزىقچىلىقى توغرىسىدا لېكسىيە سۆزلىدى.
مۇھەررىر: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى