شىزاڭ ئاپتونوم رايونلۇق تاشيول ئىدارىسى چىڭخەي-شىزاڭ تاشيول تارماق ئىدارىسىنىڭ 109-يول ئاسراش بەنى چىڭخەي–شىزاڭ تاشيولىنىڭ ئەڭ يۇقىرى نۇقتىسى ـــــ تاڭگۇلا تېغىنىڭ ئىچكىرىسىدىكى دېڭىز يۈزىدىن 5231 مېتىر ئېگىزلىكتىكى تاڭگۇلا تاغ ئېغىزىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى 40 كىلومېتىر كېلىدىغان يولدا ئاسراش خىزمىتى ئىشلەيدۇ .
109-يول ئاسراش بەنىنىڭ ئىشچىلىرى 60 يىلدىن بۇيان ‹‹ بىر يىلدا پەقەتلا بىر پەسىل ، لېكىن بىر كۈندە تۆت پەسىل ›› نى كۆرگىلى بولىدىغان بۇ يولدا قاتتىق سوغۇق ، ئوكسىگېن كەمچىل بولۇش ، ھاۋا كىلىماتى كۆپ ئۆزگىرىش ، شەھەر–بازاردىن يىراق ، تۇرمۇش شارائىتى ناچار بولۇشتەك قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ ، قاتناشنىڭ بىخەتەر ، راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش بىلەن بىرگە ، بۇ يەردىن ئۆتكەن يولۇچىلارغا ياردەم بېرىپ كەلمەكتە .
1990-يىلى 109-يول ئاسراش بەنى قاتناش مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ‹‹ جۇڭگودىكى تۇنجى يول ئاسراش بەنى ›› دېگەن نامغا ئېرىشكەن .