باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

تۈركىيە زۇڭتۇڭى تۇتقۇنلارنى قۇتقۇزۇشقا پۇل تۆلىمىدۇق، دېدى

2014.09.23 12:31         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تۈركىيە زۇڭتۇڭى رەجەپ تايىپ ئەردوئان 21-سېنتەبىر بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن ئامېرىكىغا بېرىشتىن ئىلگىرى مۇخبىرلارغا مۇنداق دېدى: ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى ئەسەبىي تەشكىلاتى تۇتقۇن قىلىۋالغان تۈركىيەنىڭ كونسۇل خادىملىرىنىڭ قويۇپ بېرىلىشى دىپلوماتىيە ۋە سىياسىي سۆزلىشىشنىڭ نەتىجىسى، تۈركىيە تۇتقۇنلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن پۇل تۆلىمىدى، ھېچقانداق پۇل سودىسىمۇ قىلمىدى، بۇ دىپلوماتىيە جەھەتتىكى بىر قېتىملىق غەلىبە.

  ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى ئەسەبىي تەشكىلاتى 11-ئىيۇن ئىراقنىڭ موسۇل شەھىرىدە تۈركىيەنىڭ 49 كونسۇل خادىمىنى تۇتقۇن قىلىۋالغان، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئىراقلىق ئۈچ خادىممۇ بار ئىدى. 20-سېنتەبىر سەھەردە بۇ كىشىلەر تۇتقۇن قىلىنىپ 100 نەچچە كۈندىن كېيىن تۈركىيە-سۈرىيە چېگرىسىدىن ئۆتۈپ، تۈركىيەنىڭ جەنۇبىدىكى سانلىئۇرفا شەھىرىگە يېتىپ باردى.

  ئەردوئان تۈركىيە تۇتقۇنلارنى قۇتقۇزۇش داۋامىدا قانداق شەرتلەرگە كۆندى؟ دېگەن سوئالغا كىشىنى ئويلاندۇرىدىغان جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېدى: ئالماشتۇرۇش شەرتىنىڭ بولۇش-بولماسلىقى مۇھىم ئەمەس، ئەڭ مۇھىمى بۇ كىشىلەر دۆلەتكە قايتىپ كېلىپ، ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن جەم بولدى.

  ئەردوئان شۇ كۈنى يەنە: تۇتقۇن قىلىش مەسىلىسىنىڭ ھەل قىلىنىشىغا ئەگىشىپ، تۈركىيە ئەمدى ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى ئەسەبىي تەشكىلاتىغا زەربە بېرىش جەھەتتىكى مەيدانىغا تەپسىلىي قاراپ چىقىشى مۇمكىن، دېدى.

  ئامېرىكا ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتىگە زەربە بېرىدىغان كەڭ دائىرىدىكى ئىتتىپاق تەشكىللەۋاتىدۇ. شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئەزاسى بولغان تۈركىيىدە ئامېرىكىنىڭ ھاۋا ئارمىيە بازىسى بار، ئەمما سۈرىيە ۋە ئىراق بىلەن چېگرىلىنىدىغان بۇ دۆلەت ھازىرغىچە ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىغا زەربە بېرىش ھەرىكىتىگە قاتناشمىدى، ھەمدە ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ تۈركىيەدىكى ھاۋا ئارمىيەسى بازىسىدىن پايدىلىنىپ بۇ ئەسەبىي تەشكىلاتقا زەربە بېرىشىنى رەت قىلىپ كەلدى.

  ئەردوئان مۇنداق دېدى: تۈركىيە ئىلگىرى تۇتقۇنلار مەسىلىسى ھەل قىلىنمىغاچقا ئىتتىپاققا كىرمىگەن، ئەسلىدە ئۇلار بىزنى ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى ئەسەبىي تەشكىلاتىغا زەربە بېرىش ئىتتىپاقىغا كىرىشكە تەكلىپ قىلغاندا بىزنىڭ قوشىلىشىمىز كېرەك ئىدى، لېكىن ئەينى چاغدا بۇنداق قىلالمايتتۇق. مەن ئۇلارغا تۇتقۇنلار مەسىلىسى ھەل بولمىغۇچە ھەرقانداق ھەرىكەت قوللانمايدىغانلىقىمىزنى ئېيتقان ئىدىم.

  ئەردوئان مۇنداق دېدى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ يىغىنىغا قاتنىشىپ بولۇپ دۆلەتكە قايتقاندىن كېيىن باشقا ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى قوراللىقلىرىغا زەربە بېرىش-بەرمەسلىك ئىشىنى مەسلىھەتلىشىمەن. بۇنىڭدىن كېيىن يۈز بېرىدىغان ئىشلارغا ئايرىم قارالما سۈپىتىدە مۇئامىلە قىلىمىز، بىزنىڭ قانداق پۇزىتسىيە قوللىنىش ھەققىدە قارار چىقىرىشىمىز زۆرۈر.

  تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ قارىدى: تۈركىيەنىڭ ئىككىلىنىپ بىر قارارغا كىلەلمەسلىكىدە بۇنداق ئىككى سەۋەب بار: بىرى، ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى قوراللىقلىرىغا زەربە بېرىشكە قاتناشسا سۈرىيە زۇڭتۇڭى باشار ئەسەد ھاكىميىتىنىڭ نەپكە ئېرىشىپ قېلىشىدىن ئەندىشە قىلىدۇ؛ يەنە بىرى، ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى ئەسەبىي تەشكىلاتىغا زەربە بېرىش سەۋەبلىك ئىراقنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى دىنىي مەزھەپلەرنىڭ زىددىيىتىنىڭ يەنىمۇ كەسكىنلىشىپ كېتىپ، بۇنىڭ تۈركىيىگە يامرىشىدىن ئەندىشە قىلىدۇ.

  

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر