باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئاق سارايدا بېسىپ كىرگۈچى بايقالدى قىسمەن كىشىلەر تارقاقلاشتۇرۇلدى

2014.09.22 16:27         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

   شۇ يەر ۋاقتى 19-سېنتەبىر، ئامېرىكا ۋاشىنگتون، ئاق سارايدا بېسپ كىرگۈچى بايقالغانلىقى ئۈچۈن، ئامېرىكا ئالاھىدە جىددىي ھەرىكەت ئىدارىسى ئاق ساراي خىزمەتچى خادىملىرى ۋە مۇخبىرلارنى تارقاقلاشتۇردى.

  رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، شۇ يەر ۋاقتى 19-سېنتەبىر كەچ، نەق مەيداندىكىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، ئاق سارايغا بېسىپ كىرگۈچى بايقالغانلىقى ئۈچۈن ئامېرىكا ئالاھىدە جىددىي ھەرىكەت ئىدارىسى ئاق ساراي خىزمەتچى خادىملىرى ۋە مۇخبىرلارنى تارقاقلاشتۇرغان. بۇ ۋاقىتتا ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوۋباما ئەمدىلا ئاق سارايدىن ئايرىلغان ئىدى.

  خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، ئوۋباما ئەمدىلا دېڭىز ئارمىيەسى قۇرۇقلۇق جەڭ ئەترىتى 1-نومۇرلۇق تىك ئۇچار ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ، مارىلاند ئارىلىدىكى زۇڭتۇڭ دەم ئالىدىغان كام دېۋىغا ماڭغان ئىدى، فورما كىيگەن، قولىدا قورال تۇتقان ئالاھىدە جددىي ھەرىكەت خادىملىرى تاراتقۇچىلار ۋە ئاق ساراي خىزمەتچى خادىملارنى تارقىلىشقا بۇيرىدى.

  كۆرگۈچىلارنىڭ ئېيتىشىچە، تارقاقلاشتۇرۇپ يېرىم سائەتتىن كېيىن، ئۇلار ئان دىن ئاق سارايدىن چېكىندىغا قايتىپ كىردى.

  ئالاھىدە جىددىي ھەركەت ئىدارىسىدىكىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، بېسىپ كىرگۈچى ئاق ساراينىڭ رېشاتكىسىدىن ئارتىلىپ، ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالىغا تېگىپ كەتكەن. نۆۋەتتە كۆپ ئۇچۇرلار ئاشكارىلانمىغان.

  جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

  مەنبە : خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر