باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

پاختىنىڭ نىشانلىق باھا ئىسلاھاتىدىن كېيىن

2014.09.23 12:24         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەتلىك تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتى تۈنۈگۈن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: پاختىنىڭ نىشانلىق باھا ئىسلاھاتى سىناق قىلىنغادىن بۇيان، يېڭى يىلدا پاختىنىڭ دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى باھا پەرقى كىچىكلەپ مۇۋاپىق دائىرىگە چۈشىدۇ، دۆلىتىمىزدە ئىشلەپچىقىرىلغان پاختىغا بولغان تەلەپ ئېشىشى مۈمكىن، بۇ يىل پاختىنىڭ نىشانلىق باھا ئىسلاھاتى سىنىقى يولغا قويۇلغان تۇنجى يىل. ئېلىمىز دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا پاختا باھاسىدىكى پەرقنىڭ چوڭ بولۇش كېتىشى، توقۇمىچىلىق كارخانلىرىدا خام ماتېرىيال تەننەرخى يۇقۇرى بولۇپ كېتىش ئەھۋالىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن پاختىنى ۋاقىتلىق يىغىۋېلىپ ساقلاش سىياسىتىنى ئەمەلدىن قالدۇردى ھەمدە يېقىندا شىنجاڭنىڭ پاختا نىشانلىق باھا ئىسلاھاتى سىنىقىنى باشلىدى، يەنى پاختا باھاسىنى بازاردىكى تەمىنات ئېھتىياج مۇناسىۋىتى بەلگىلەيدىغان بولدى، دۆلەتلىك تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا سىناق قىلىنغاندىن بۇيان، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا پاختا باھاسىدىكى پەرق تەدرىجىي كىچىكلىگەن، 9-ئايدىن باشلانغان يېڭى يىللىق پاختا باھا پەرقى كىچىكلەپ مۇۋاپىق دائرىىگە چۈشۈشى مۇمكىن، ھۆكۈمەتنىڭ دېھقانلارغا بېرىدىغان تولۇقلىمىسىنى ھەر توننىسى 19800 يۈەنلىك نىشانلىق باھا ھەمدە دېھقانلار پاختا ساتىدىغان بازار باھاسى بېكىتىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر