خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز نىياز راھمان، ئابلىكىم سابىتلار خەۋىرى، فوتوسى: ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ ۋالىيسى مەردان مۇقىيىت 15-سېنتەبىر كۇچا ناھىيەسىنىڭ خانىقاتام يېزسىغا كېلىپ، ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئۆرلەپ ئوقۇش ئەھۋالى ، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە بالىلار باغچىلىرىنىڭ قوش تىل ئوقۇتۇش خىزمىتى، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ، ئوقۇتقۇچىلارنى ئوقۇتۇش سۈپىتىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈش ئارقىلىق خەلق رازى بولغان مائارىپ قۇرۇپ چىقىشقا ئىلھاملاندۇردى.
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى