بىر ئېلېكتىروۋۇز لەنجۇ-شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولى قومۇل چوڭ كۆۋرۈكىدىن ئۆتمەكتە
لەنجۇ-شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولىنىڭ ئۈرۈمچىدىن قۇمۇلغىچە بولغان بۆلىكىدە قاتناشنى سىناق قىلىش بىر قانچە كۈن ئىلگىرى تاماملاندى ، بۇ مەزكۇر بۆلەكتىكى يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولنىڭ رەسمىي قاتناش باشلاش ئالدىدىكى ئەڭ ئاخىرقى تەييارلىق باسقۇچىغا كىرگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدىغان بولۇپ ، ئۆكتەبىردە قاتناش رەسمىي باشلىنىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە . لەنجۇ-شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولى ئېلىمىزنىڭ گەنسۇ ، چىڭخەي ، شىنجاڭ قاتارلىق ئۆلكە ۋە ئاپتونوم رايونىنى بېسىپ ئۆتىدىغان ، دۆلىتىمىزدىكى دېڭىز يۈزىدىن بىرقەدەر ئېگىز رايوندا ياسالغان تۇنجى يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول بولۇپ ، مۆلچەرلىنىشىچە ، بۇ يىلنىڭ ئاخىرىدا پۈتۈن لىنىيە بويىچە قاتناش باشلىنىدىكەن .