باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

رەسسام تۇرسۇنجان غوجابدۇللا ماي بوياق رەسم كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزدى(1)

2014.09.18 08:27   مەنبە: خەلق تورى

رەسسام تۇرسۇنجان غوجابدۇللا ماي بوياق رەسم كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزدى(1)

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز پولات نىياز خەۋىرى، فوتوسى: 9-ئاينىڭ 16-كۈنى چەرچەن ناھىيەلىك مۇزېيدا چەرچەن ناھىيەلىك مەدەنىيەت يۇرتىنىڭ كەسپى رەسسامى ۋە مەدەنىيەت يۇرتى باشلىقى تۇرسۇنجان غوجابدۇللانىڭ ماي بوياق رەسملىرى كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۇلدى.كۆرگەزمىگە تۇرسۇنجان غوجابدۇللانىڭ يېقىنقى يىللاردا ئىجاد قىلغان 50 پارچىغا يېقىن ئەسىرى قويۇلغان بولۇپ، ئەسەرلەر ئۇمۇمەن جەنۇبىي شىنجاڭ خەلقىنىڭ قويۇق تۇرمۇش پۇرىقى ئالاھىدىلىكى ۋە خاسلىقى ئاساسىدىكى مەدەنىيەت، تۇرمۇش، ئۆرپ-ئادەتلىرى، تارىم توغراقلىقى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن. تۇرسۇنجان غوجابدۇللا 1978-يىل 4-ئاينىڭ 23-كۈنى چەرچەندە تۇغۇلغان، كىچىكىدىن باشلاپ گۈزەل سەنئەتكە ئىشتىياق باغلىغان بولۇپ، 1995-يىلى شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتىنىڭ رەسساملىق كەسپىنى پۈتتۈرۈپ چەرچەن ناھىيەلىك مەدەنىيەت يۇرتىغا خىزمەتكە چۈشكەن. شۇنىڭدىن بېرى ئۇ چەرچەن ناھىيەسىنىڭ تاغ-دەريا، يېزا-قىشلاقلىرىنى سىزىپ نۇرغۇن مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرنى ياراتقان. ئىدارە رەھبەرلىرى ئۇنى سىچۈەن گۈزەل سەنئەت ئىنىستىتۇتىنىڭ ماي بوياق كەسپى بويىچە 1يىللىق بىلىم ئاشۈرۈشقا ئەۋەتكەن. بۇ قېتىمقى كۆرگەزمە ئۇنىڭ كەسپىي ھاياتىدىن خەلققە بەرگەن نەتىجىسىدۇر.

  تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 【6】 【7】 【8】 【9】 【10】 
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز