باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىزدىن 14 مىڭ 500 مۇسۇلمان ھەجگە يۈرۈپ كەتتى

2014.09.18 11:12         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندا ئېلىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن 14 مىڭ 500 مۇسۇلمان ھەج تاۋاپ قىلىش ئۈچۈن ئارقا-ئارقىدىن ئىجارە ئايروپىلان بىلەن سەئۇدىي ئەرەبىستانىغا يۈرۈپ كەتتى. پايتەخت ئايرودۇرۇمىدا، 17-سېنتەبىر سەھەردە نۇرغۇن مۇسۇلمان ئىجارە ئايروپىلان بىلەن سەئۇدىي ئەرەبىستانىغا قاراپ يولغا چىقتى. سەئۇدىي ئەرەبىستانىنىڭ جۇڭگودىكى باش ئەلچىسى يەھيا ئالايىتەن ئايرودۇرۇمغا بېرىپ ئۇزىتىپ قويدى. جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى قوشۇمچە باش كاتىپى گو چېڭجېن ئاساسلىق ئەھۋاللارنى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ يىل-يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان ھەجگە بارغانلارنىڭ سانى بىر قەدەر كۆپ بىر يىل بولدى، بۇ يىل جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى 600 مىڭ ئادەمدىن تەركىب تاپقان ھەج خىزمىتى باش ئۆمىكىنى كۆپچىلىككە خىزمەت قىلىشقا تەشكىللىدى. دۆلەتلىك دىن ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، جۇڭگو خەلقئارا ئاۋىياتسىيە شىركىتى، جەنۇب ئاۋىياتسىيە شىركىتى، شەرق ئاۋىياتسىيە شىركىتى 94 قېتىم ئىجارە ئايروپىلان ئاجرىتىپ، بېيجىڭ، ئۈرۈمچى، لەنجۇ، يىنچۈەن، كۇنمىڭدىكى چېگرا ئېغىزلىرىدىن ئېلىمىزنىڭ ھەج تاۋاپ قىلغۇچىلىرىنى ئاپىرىپ ئەكىلىشكە ئورۇنلاشتۇرغان، نۆۋەتتە 12 مىڭدىن ئارتۇق ھەج تاۋاپ قىلغۇچى يولغا چىققان، نۇرغۇن تېببىي خادىممۇ ھەج تاۋاپ قىلغۇچىلارغا مۇلازىمەت قىلىش ئۈچۈن بىللە ماڭغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر