باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىزدە 12 مىڭدىن كۆپرەك ھەج قىلغۇچى سەئۇدى ئەرەبىستانىغا باردى

2014.09.18 11:14         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  17-سىنتەبىر چۈشتىن بۇرۇن، ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىدىن كەلگەن 297 ھەج قىلغۇچى بېيجىڭدا ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ سەئۇدى ئەرەبىستانىغا يولغا چىقتى. بۇنىڭ بىلەن، ئېلىمىزدىن ھەج قىلىش ئۈچۈن سەئۇدى ئەرەبىستانىغا ماڭغان كىشى جەمئىي 12 مىڭدىن ئاشتى.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل ئېلىمىزدىن 14 مىڭ 500 گە يېقىن مۇسۇلمان ھەج-تاۋاب پائالىيىتىگە قاتنىشىدىكەن. بىرىنچى تۈركۈمدىكى ھەج قىلغۇچىلار 5-سىنتەبىر يولغا چىققان، ئەڭ ئاخىرقى بىر تۈركۈمدىكى ھەج قىلغۇچىلارمۇ 20-سىنتەبىر يولغا چىقىدىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، 2014-يىللىق ھەج ۋاقتى 3-ئۆكتەبىردىن 7-ئۆكتەبىرگىچە بولىدىكەن. ھەج تاۋاب ئاياقلاشقاندىن كېيىن، ھەج قىلغانلار 10-ئۆكتەبىردىن باشلاپ ھۆددە ئايروپىلان بىلەن ۋەتەنگە قايتىدىكەن

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر