باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

شىزاڭغا ياردەم بەرگۈچى ئەر-ئايال دوكتور ما شىنمىڭ ۋە سۈن لىڭلىڭنىڭ يۇرت مۇھەببىتى

2014.09.18 16:24         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئۆز مۇخبىرىمىز شۈ جىنگېڭ خەۋىرى

  8-سېنتەبىر چۈشتىن كېيىن، لخاسا، ھاۋا ئوچۇق چۈشتىن كېيىن سائەت 4لەردە، مەن گۇڭگا ئايرودۇرۇمىدىن چىقتىم، ئاسماننىڭ كۆكلىكىدىن كىشىنىڭ بېشى قاياتتى. ئوتتەك ئاپتاپتىكى سالقىن شامال كىشىگە راھەت تۇيغۇ بېرەتتى.

  6 يىلدىن كېيىن شىزاڭغا يەنە بىر قېتىم كەلدىم، بۇ قېتىم بىر جۈپ ئەر-خوتۇننى زىيارەت قىلىش ئۈچۈن كەلدىم: ئەرنىڭ ئىسمى ما شىنمىڭ، بېيجىڭ شەھەرلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ كادىرى، لخاسا شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، شەھەرلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولغان، ھازىر لخاسا شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى؛ ئايالنىڭ ئىسمى سۈن لىڭلىڭ، جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئالىمى، شىزاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادىمىيەسى «شىزاڭ تەتقىقاتى» ژۇرنىلى تەھرىر بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان، ھازىر ھازىرقى زامان شىزاڭ تەتقىقاتى ئورنىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى. 2010-يىلى، ئەر-خوتۇن ئىككىيلەن مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى شىزاڭغا ياردەم بېرىشكە ئەۋەتكەن 6-تۈركۈمدىكى كادىرلار بىلەن شىزاڭغا كەلگەن، خىزمەت مۇددىتى توشقاندىن كېيىن، يەنە 7-تۈركۈمدىكى شىزاڭغا ياردەم بەرگۈچى كادىرلارنىڭ سېپىگە قوشۇلغان. ئۇلار شىزاڭغا ياردەم بېرىش تارىخىدا شىزاڭغا ياردەم بەرگۈچى تۇنجى ئەر-خوتۇن، تۇنجى ئەر-خوتۇن دوكتور، تۇنجى بېيجىڭ ئۇنۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەنلەر، تۇنجى ئۇدا ئىككى تۈركۈم شىزاڭغا ياردەم بەرگەنلەر... قاتارلىق نۇرغۇنلىغان «تۇنجى»لارنى يارىتىپ، شىزاڭغا بولغان چىن مۇھەببىتى بىلەن ھاياتىنىڭ شانلىق سەھىپىلىرىنى يېزىپ چىقتى.

  جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

  

  مەنبە : خەلق تورى


  

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر