خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: ئەل قەلبىدىكى داڭلىق سەنئەتكار، مۇزىكانت، ئۆزگىچە ناخشىلىرى ۋە گىتتار ماھارىتى بىلەن مەملىكەت ئىچىدە زور تەسىر قوزغىغان چولپىنىمىز ئەركىن ئابدۇللا 19-سېنتەبىر چۈشتىن بۇرۇن خەلق تورى باش شىركىتىنىڭ كۆرسىتىش زالىغا كېلىپ، خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلدى.
زىيارەت داۋامىدا ئۇ يېقىندا قويۇلماقچى بولغان «يېپەك يولى ساداسى » پروگراممىسىنىڭ تاللاش باسقۇچىغا مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللارنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى، ئۆزىنىڭ يېقىندا ئىشلەۋاتقان بىر قىسىم ئىجادىي ئەسەرلىرى ھەققىدە قىسقىچە مەلۇماتلارنى بەرگەندىن باشقا، ئۆزىنىڭ ئوماق ئۈچكېزەك بالىسى توغرىلىق قىسقىچە سۆزلەپ بەردى. ئاخىرىدا ئۇ يەنە دۆلىتىمىز قۇرۇلغانلىقىنىڭ 65 يىللىقىغا ۋە كېلىش ئالدىدا تۇرغان قۇربان ھېيتىمىزغا ئاتاپ ئۆزىنىڭ يۈرەك سۆزلىرىنى سۆزلەپ، زىيارەتنى ئاخىرلاشتۇردى.