باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركەزدىكى بەزى رەھبەرلەر ۋەكىللەر بىلەن بىرگە ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بېرىلگەن دوكلاتقا قاراپ چىقتى

2015.03.10 14:24         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەندىكى رەھبىرىي يولداشلار، 5-،6-مارت 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3-يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان ئالاقىدار ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىدە، ۋەكىللەر بىلەن بىرگە زۇڭلى لى كېچياڭنىڭ ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بەرگەن دوكلاتىغا قاراپ چىقتى.

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ۋاڭ ياڭ 5-مارت ئەنخۇي ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىرىشىغا قاتناشقاندا مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتى يېزا ئىگىلىكى مەھسۇلاتلىرىنىڭ باھاسى يۇقىرى چەككە يېتىش، ئىشلەپچىقىرىش تەننەرخى ئۆرلەش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنىڭ قاتتىق چەكلىمىسى كۈچىيىش قاتارلىق يېڭى خىرىسلارغا دۇچ كەلمەكتە. تۈپ چىقىش يول ئىسلاھاتتا يېڭىلىق يارىتىشقا تايىنىپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىيات شەكلىدە بۇرۇلۇش ياساش.

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى مېڭ جيەنجۇ 6-مارت خېيلۇڭجياڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا مۇنداق دېدى: 4 ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىقتىسادى تەرەققىيات يېڭى ھالىتىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ماسلىشىپ، ئىسلاھات ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى چىڭ تۇتۇپ، يېڭىلىق يارىتىشنى قوزغىتىشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، خېيىم-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، كونترول قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئىقتىسادنىڭ مۇقىم، ساغلام تەرەققىي قىلىشى ،خەلق تۇرمۇشىنىڭ داۋاملىق ياخشىلىنىشى، جەمئىيەتنىڭ بىخەتەر،تەرتىپلىك بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش لازىم.

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، شاڭخەي شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى خەن جېڭ 6-مارت شاڭخەي ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا مۇنداق دېدى: شاڭخەي باشتىن ئاخىر ئىزچىللاشتۇرىدىغان بىر خىزمەت ئاساسىي لىنىيەسى- باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شاڭخەينىڭ خىزمەتلىرى توغرىسىدىكى تەلىپى، داۋاملىق مەملىكەت بويىچە ئىسلات، ئېچىۋېتىشنىڭ ۋە يېڭىلىق يارىتىشنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ ياخشى باشلامچىلىرىدىن بولۇشى كېرەك. ئىمكانىيەتلىك تەقلىد قىلىش ۋە ئومۇملاشتۇرۇش تۈزۈمىدە يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، مۇھىم ئامىللارنى قوزغىتىشنى ئاساس قىلىشتىن يېڭىلىق يارىتىشنى قوزغىتىشنى ئاساس قىلىشقا قاراپ بۇرۇلۇش ياساشنى ئالدى بىلەن ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى شېن يۆيۆ جېجياڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىرىشىغا قاتناشقاندا مۇنداق دېدى: خەلق ئاممىنىڭ تۈپ مەنپەئەتىنى ھەقىقىي قوغداپ، ئاساسىي قاتلامغا، ئادەتتىكى ئاممىغا، تەرەققىياتى كەينىدە قالغان رايونلارغا كۆڭۈل بۆلۈپ، خەلق ئاممىسىنى تېخىمۇ كۆپ نەپ ئېلىش تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىش لازىم. ئاياللارنى ئۆز ئىچىدە ئالغان پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنى سەپەرۋەر قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىنىدىغان جۇڭگونى بىرلىكتە قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇش كېرەك.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جى بىڭشۈەن 5-مارت خېيلۇڭجياڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا مۇنداق دېدى: ئاشلىقتىن ئۇدا ھوسۇل ئېلىنىۋاتقان ياخشى ۋەزىيەت ئالدىدا، ئاشلىقنىڭ يۇقىرى مەھسۇلاتى، مۇقىم ئىشلەپچىقىرىشى، يۇقىرى ئۈنۈمى، ئالا سۈپىتىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ھەمدە تىرىشىپ مەھسۇلاتنى يىلمۇ-يىل ئاشۇرۇشتا يېزا ئىگىلىكىنى كۈچەيتىش، بولۇپمۇ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشى سېلىنمىسىنى كۆپەيتىش، سۇچىلاشتۇرۇش، ماشىنىلاشتۇرۇش، پەن تېخنىكىلاشتۇرۇش، ھەمكارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا زور كۈچ سەرپ قىلىش كېرەك. سۇچىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئارقىلىق بىر تۈركۈم قۇرغاقچىلىق، ھۆلچىلىككە تاقابىل تۇرۇپ، ھوسۇلغا كاپالەتلىك قىلىدىغان ئېتىزلارنى بەرپا قىلىشقا ئىرادە باغلاش كېرەك.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى شياڭ باپىڭسۇ 6-مارت شىزاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا مۇنداق دېدى: مەركەزنىڭ يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىشى ۋە قوللىشى ئارقىسىدا، مىللىي رايونلارنىڭ ئىقتىسادى ئىجتىمائىي تەرەققىياتى جۇش ئۇرۇپ ئىلگىرىلىدى، لېكىن بەزى قىيىنچىلىق ۋە مەسىلىلەرگە دۇچ كەلمەكتە. ئۆزىنىڭ تەرەققىيات ھاياتى كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇش بىلەن بىرگە، مەركەزنىڭ مىللىي رايونلارنى سىياسەت، مەبلەغ جەھەتتىن قوللاش سالمىقىنى داۋاملىق ئاشۇرۇپ، مىللىي رايونلارنىڭ ئىقتىسادى ئىجتىمائىي ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، دۆلەت كومىسسارى قوشۇمچە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى چاڭ ۋەننچۈەن 6-مارت ئازادلىق ئارمىيە ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا مۇنداق دېدى: ئىدىيەنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئىلمىي ھۆكمى ۋە ھەل قىلغۇچ ئورۇنلاشتۇرۇشى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئىقتىسادى تەرەققىيات يېڭى ھالىتىگە نورمال پىسخىكا بىلەن قاراش كېرەك. ئىستراتېگىيەلىك تەپەككۇرنى كۈچەيتىپ، ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى چىڭىتىپ، ئۆزىمىزگە پايدىلىق بولغان يېڭى ھالەتنى بەرپا قىلىش ئۈستىدە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىزدىنىش كېرەك؛ ئارمىيەنى كۈچەيتىش نىشان تەلىپىنى قىسىم قۇرۇلۇشىنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىنىڭ ئومۇمىي جەريانىنى سىڭدۈرۈپ، بىخەتەرلىك ساھەسىدىكى يېڭى خىرىسقا پۇختا ئۇرۇش تەييارلىق ھالىتى بىلەن تاقابىل تۇرۇش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر