6-مارت، شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى گۇرۇپپىلار مۇزاكىرىسىدە ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتقا قاراپ چىقتى، ۋەكىل ئابدۇرىقىپ تۇنىياز مۇنداق دېدى، بۇ يىل ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقى، بىز چوقۇم قانۇن بويىچە شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش، قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىنىدىغان شىنجاڭنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىشتا چىڭ تۇرۇشىمىز، زامانىۋى مەدەنىيەت ئارقىلىق دىننىي ئەسەبىي ئىدىيەلەرگە قارشى تۇرۇشىمىز كېرەك. (شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لۇ مىنيى فوتوسى)
6-مارت، 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 3-يىغىنىغا قاتناشقان شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى گۇرۇپپىلار مۇزاكىرىسى ئۆتكۈزۈپ داۋاملىق تۈردە ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتنى مۇلاھىزە قىلدى. ۋەكىللەر ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات ئەتراپلىق، ھەقىقەت ئەمەلىيەتتىن ئىزدىلىپتۇ، مۇددىئا ئېنىق، تەدبىرلەر كونكرىت، كىشىنى ئىلھاملاندۇرىدىغان، تىرىشىشقا ئۈندەيدىغان، زېممىمىزگە ئېلىشقا جۈرئەت قىلالايدىغان بولۇپتۇ دەپ قارىدى.