باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 3-يىغىنى ئېچىلدى

2015.03.06 09:49         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 3-يىغىنى 5-مارت چۈشتىن بۇرۇن خەلق سارىيىدا ئېچىلدى. ئۈچ مىڭغا يېقىن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى خەلقنىڭ تاپشۇرۇقىنى زىممىسىگە ئېلىپ بۇ كاتتا مەرىكىگە قاتنىشىپ، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇندىكى مۇقەددەس مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلدى.

  يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسى، ئىجرائىيە رەئىسى جاڭ دېجياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، يۈ جېڭشېڭ، ليۇ يۈنشەن، ۋاڭ چىشەن، جاڭ گاۋلى ۋە يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ ئەزالىرى رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئالدى.

  12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 3-يىغىنىغا قاتنىشىشقا تېگىشلىك ۋەكىل 2964 بولۇپ، 5-مارتتىكى يىغىنغا 2907 ۋەكىل قاتناشتى، 57 ۋەكىل قاتنىشالمىدى، قاتناشقان ئادەم سانى قانۇندا بېكىتىلگەن سانغا ئۇيغۇن.

  5-مارت چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9دا، جاڭ دېجياڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3-يىغىنىنىڭ ئېچىلغانلىقىنى جاكارلىدى. ھەممەيلەن ئورنىدىن تۇرۇپ، دۆلەت شېئىرىنى ئېيتتى.

  يىغىننىڭ قارالمىسىغا ئاساسەن، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ گوۋۇيۈەنگە ۋاكالىتەن ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات بەردى. دوكلات ئالتە قىسىمغا بۆلىنىدۇ: بىرىنچى، 2014-يىلى ئىشلەنگەن خىزمەتلەر؛ ئىككىنچى، 2015-يىللىق خىزمەتنىڭ ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسى؛ ئۈچۈنچى، ئىسلاھات-ئېچىۋېتىشنى پۇختا چوڭقۇرلاشتۇرۇش. تۆتىنچى، ئىقتىسادنى مۇقىم ئاشۇرۇشقا ۋە قۇرۇلمىنى ياخشىلاشقا ماس تۈرتكە تۈرتكە بولۇش؛ بەشىنچى، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش قۇرۇلۇشى ۋە ئىجتىمائىي قۇرۇلۇشنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىش؛ ئالتىنچى، ھۆكۈمەتنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنى ھەقىقىي كۈچەيتىش.

  يىغىننىڭ قارالمىسىغا ئاساسەن، يىغىندا گوۋۇيۈەننىڭ 2014-يىللىق خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنى ئىجرا قىلىش ئەھۋالى، 2015-يىللىق خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانى لايىھەسى توغرىسىدىكى دوكلات، 2015-يىللىق پىلان لايىھەسى، گوۋۇيۈەننىڭ 2014-يىللىق مەركەز خامچوتى ۋە يەرلىك خامچوتنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى، 2015-يىللىق مەركەز خامچوتى ۋە يەرلىك خامچوت لايىھەسى توغرىسىدىكى دوكلات، 2015-يىللىق پۈتۈن مەملىكەتنىڭ خامچوت لايىھەسىگە قاراپ چىقىلدى.

  

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر