باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

جۇڭگو تۇنجى قېتىم ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ باش ئورگىنىدا ئەلچىلەر ئۆمىكى تەسىس قىلىشنى قارار قىلدى

2015.03.13 16:42         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئافرىقا مۇنبىرى يىغىنىدىن كىيىن جۇڭگو بىلەن ئافرىقا ئەللىرىنىڭ مۇناسىۋىتىدە خەلقئارا جامائەتچىلىكنىڭ دىققىتىنى قوزغىغۇدەك ئۆزگىرىشلەر بولۇپ، ئافرىقا جۇڭگونىڭ نۇقتىلىق ياردەم بېرىدىغان رايونلىرىنىڭ بېرىگە ئايلاندى. ئىككى تەرەپنىڭ بۇنداق ياخشى ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىگە ماسلىشىش ئۈچۈن، جۇڭگو تۇنجى قېتىم ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ باش ئورگىنىدا ئەلچىلەر ئۆمىكىنى تەسىس قىلىشنى قارار قىلدى.

  جۇڭگونىڭ ئافرىقىدا تۇرۇشلۇق تۇنجى ئەلچىلەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقى باش ئەلچى كۇاڭ ۋېيلىن يېقىندا ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ باش ئورگىنى تۇرۇشلۇق ئورۇن، ئېفىيوپىيە پايتەختى ئەددىس-ئەبېبەگە يېتىپ باردى. ئىگىلىنىشىچە، نۆۋەتتە ئۆمەك تەشكىللەشنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرى جىددىي ئىلىپ بېرىلماقتىكەن، ئەلچىلەر ئۆمىكىنىڭ ئىچكى قىسمىدا سىياسىي، ئىقتىساد، ئادىمىيەت، تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىك قاتارلىق ساھەلەردىكى ئىشلار تارماقلىرى تەسىس قىلىنماقتىكەن.

  جۇڭگو 2005-يىلى تۇنجى قېتىم ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ۋەكىل ئەۋەتكەندىن بۇيان، ئىزچىل تۈردە ئېفىيوپىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچى قوشۇمچە ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقىدا تۇرۇشلۇق ۋەكىللىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەپ كەلگەن. باش ئەلچى كۇاڭ ۋىلىن مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقىدا ئەلچىلەر ئۆمىكىنى تەسىس قىلىشتىن مەقسەت، رەئىسى شى جىنپىڭ ئافرىقىدا زىيارەتتە بولغاندا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلەرنى ۋە زۇڭلى لى كېچياڭ ئافرىقىدا زىيارەتتە بولغاندا بەرگەن مۇھىم ۋەدىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى مۇھىم تەدبىر، شۇنداقلا، جۇڭگو بىلەن ئافرىقا مۇناسىۋىتى تەرەققىياتىنىڭ نەتىجىسى، جۇڭگونىڭ ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقىدا تۇرۇشلۇق ئەلچىلەر ئۆمىكىنى تەسىس قىلىش جۇڭگو ئافرىقا مۇناسىۋىتى تارىخىدىكى مۇھىم نامايەندە بولۇپ، بۇ، جۇڭگونىڭ ئافرىقىغا قاراتقان دىپلوماتىيەسىنىڭ ئىككى تەرەپلىكنى ئاساس قىلىشتىن كۆپ تەرەپلىككە قاراپ بۇرالغانلىقنى كۆرسىتىدۇ. بۇ جۇڭگو ئافرىقا مۇناسىۋىتىنى يەنە بىر يېڭى پەللىگە كۆتۈرىدۇ.

  ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ رەئىسى زۇما بۇندىن ئىلگىرى مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: مەن، كەلگۈسى جۇڭگونىڭ ئافرىقا ئەللىرى بىلەن بولغان ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋىتىنىڭ داۋاملىق تەرەققىي قىلدۇرۇشى بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە ئافرىقا چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى تېخىمۇ كۆپ قۇرۇلۇشلارغا قاتنىشىپ، ئافرىقىنىڭ بىر گەۋدىلىشىش ۋە ئۆز ئارا ئالاقىلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگو بىلەن ئافرىقا مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئۈمىد قىلىمەن.

  ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقى پۈتۈنلەي ئافرىقا ئەللىرىدىن تەشكىللەنگەن ھۆكۈمەتلەر ئارا ئىتتىپاق ۋە دۇنيادىكى ئەڭ ئاساسلىق رايون تەشكىلاتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئافرىقا رايونىدا ئىتتىپاقلىشىپ ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، تەرەققىياتقا يېتەكچىلىك قىلىشتەك تۇغلۇق رولىنى ئوينىماقتا. كۇاڭ ۋىيلىن مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئافرىقا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىن ئىبارەت بۇ مۇھىم سەھنىدىن ئايرىلالمايدۇ، ئافرىقا ئەللىرى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر ئومۇمىي سانىنىڭ تۆتتىن بىر قىسىمى ئىگىلەيدۇ، جۇڭگو دىپلوماتىيەسىنىڭ ئىتتىپاقلىشىدىغان ۋە تايىنىدىغان مۇھىم كۈچى ۋە ئىستراتېگىيەلىك تايانچىسى. ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقىدا ئەلچىلەر ئۆمىكىنى تەسىس قىلىش، جۇڭگونىڭ ئافرىقا ئەللىرى بىلەن بولغان ئالماشتۇرۇشىنى كېڭەيتىشكە، جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنىڭ ئۆز ئارا چۈشىنىشىنى ۋە بىر بىرنى قوللىشىنى كۈچەيتىشكە، ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقىنى ۋە ئۇنىڭ پىلانىنى چۈشىنىش، جۇڭگو ئافرىقا ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى ئېشىش نۇقتىلىرىنى چوڭقۇر قېزىش، جۇڭگو ئافرىقا مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەش ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇش، جۇڭگو بىلەن ئافرىقا ئوتتۇرىسىدا تېخىمۇ كۆپ ئونىۋېرسال، پۈتكۈل ئافرىقىنى قاپلايدىغان ئالماشتۇرۇش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، جۇڭگو ئافرىقا خەلقىنىڭ ئالماشتۇرۇش ۋە دوستلۇقنى كۈچەيتىشنىڭ يېڭى سەھنىسىگە ئايلاندۇرۇشقا پايدىلىق.

  كېنىيە- كېنىياتا ئونىۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەت تەتقىقات ئافرىقا مەركىزىنىڭ مۇدىرى ئىسرائىل كىدىئاجا مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: ئافرىقا جۇڭگو دوستلۇقى خەلقئارا بوران چاپقۇنلارنىڭ سىنىقىدىن ئۆتكەن، مۇستەھكەم مۇناسىۋەت. بۇ قېتىم جۇڭگونىڭ ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقىدا ئەلچىلەر ئۆمىكىنى تەسىس قىلىشى، ئافرىقا جۇڭگو دوستلۇقىنى يەنە بىر قېتىم يۇقىرى كۆتۈرىدۇ ۋە داۋاملاشتۇرىدۇ. ئەلچىلەر ئۆمىكى تەسىس قىلىنغاندىن كىيىن، جۇڭگو ئافرىقا ئەللىرى بىلەن ئىككى تەرەپلىك ئۆز ئارا تۈرتكە بولغاندىن سىرت، يەنە تېخىمۇ ئىجابىي بولغان ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ مېخانىزمىدىن پايدىلىنىپ ئافرىقىنىڭ ئىشلىرىغا قاتنىشىدۇ. ئافرىقىنىڭ ئىشەنچلىك ھەمكارلىق شېرىكى بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگونىڭ ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقىدا ئەلچىلەر ئۆمىكىنى تەسىس قىلىشىمۇ جۇڭگو ئاۋازىنى تېخىمۇ بىۋاسىتە ۋە تېخىمۇ ئېنىق ھالدا يەتكۈزىدىغان سەھنە بىلەن تەمىنلەيدۇ. بۇ ئافرىقا خەلقنىڭ جۇڭگونى تېخىمۇ چۈشىنىشى، شۇنداقلا جۇڭگونىڭ ئافرىقىنى ۋە ئافرىقا ئىشلىرىنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشىنىشىگە پايدىلىق.

  كۇاڭ ۋېيلىن مۇنداق دېدى: كەلگۈسىدە جۇڭگونىڭ ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقىدا تۇرۇشلۇق ئەلچىلەر ئۆمىكى ھەقىقىي ۋە سەمىمىي بولۇش قارشى بىلەن، رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن زۇڭلى لى كېچياڭنىڭ ئافرىقىغا قىلغان زىيارىتىدە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقى بىلەن يېقىندىن ماسلىشىپ، تۆۋەندىكى بىر قانچە جەھەتتىكى خىزمەتلەرنى نۇقتىلىق ھالدا ياخشى ئىشلەيدۇ.

  1.ئالماشتۇرۇش ھەمكارلىقنى كۈچەيتىدۇ. بۇندىن كىيىن، بىز ئىككى تەرەپنىڭ يۇقىرى قاتلامدىكىلەرنىڭ ئالاقىسىغا داۋاملىق تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگو بىلەن ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ سۆزلىشىشى ۋە ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، ئىككى تەرەپنىڭ خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىدىكى ماسلىشىشىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ مەنپەئەتىنى بىرلىكتە قوغداپ، خەلقئارا تەرتىپنىڭ تېخىمۇ ئادىل ۋە مۇۋاپىق تەرەپكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولىمىز. 2. تەرەققىي قىلىپ گۈللىنىش ئۈستىدە بىرلىكتە ئىزدىنىمىز. بۇندىن كىيىن يېزا ئىگىلىك، نامراتلىقنى ئازايتىش قاتارلىق ساھەلەردە جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنىڭ ھەمكارلىقىغا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنىڭ بىرلىكتە تەرەققىي قىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرىمىز. 3. تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىكنى بىرلىكتە قوغدايمىز. بۇندىن كىيىن ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىن ئىبارەت بۇ سەھنىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئافرىقىدىكى قىزىق مەسىلىلەردە ياراشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىككى تەرەپنىڭ تىنچلىقنى قوغداش، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، دېڭىز قاراقچىلىرىغا زەربە بېرىش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىپ، ئۇرۇش بولمىغان ئافرىقىنى بەرپا قىلىشتىن ئىبارەت بۇ نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرىمىز. 4. ئىبولا يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشقا داۋاملىق ياردەم بېرىمىز. نۆۋەتتە، ئىبولا يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش يەنىلا ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقى كۆڭۈل بىلىدىغان يادرولۇق مەسىلە. جۇڭگو كېيىنكى باسقۇچتا ئافرىقا تەرەپ بىلەن بىرگە ئافرىقا بىلەن ھەمكارلىقنى قانداق قانات يايدۇرۇش، ئافرىقىنىڭ ئاممىۋى سەھىيە سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش ، ئافرىقىنىڭ كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىش مېدالىنى ئىلىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشىگە ياردەم بېرىش ئۈستىدە داۋاملىق كېڭىشىدۇ. ئىبولا يۇقۇمى بايقالسىلا، جۇڭگو ئافرىقىدىكى كېسەللىك بايقالغان رايونغا ياردەم بېرىدۇ ۋە توختىماستىن قوللايدۇ. كۇاڭ ۋىيلىن مۇنداق دېدى: ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقى، جۇڭگو ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرىنىڭ ئەزاسى بولۇپ، مۇنبەر مېخانىزىمى قۇرۇلۇشىدا مۇھىم رول ئوينايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر