باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

مەركەزدىكى قىسمەن رەھبەرلەر ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ قاراپ چىقىشقا قاتناشى

2015.03.13 15:55         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىدىن ليۇ يۈنشەن، ۋاڭ چىشيەن، جاڭ گاۋلىلار 12-مارت چۈشتىن كېيىن 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3-يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان بەزى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى.

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ليۇ يۈنشەن شەنشى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى. ۋەكىللەر ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى، ئەخلاق مائارىپى قاتارلىق جەھەتلەردە ئاكتىپ سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە 4 ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇشى بەرگەن مەسئۇلىيەت بۇرۇچنى چوڭقۇر ئىگىلەش، مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئوبدان ئىشلەش، ئاساسىي مېلودىيىنى ياڭرىتىپ، ئىجابىي كۈچلەرنى مۇجەسسەملەپ، يېڭى ئىستىل تىكلەش كېرەك. ئىدىيە يېتەكچىلىكىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، مەدەنىي كىشىلەردىن بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئائىلە ئىستىل قۇرۇلۇشىغا ئەھمىيەت بېرىش، پارتىيەلىك كادىرلار ۋە ئاممىۋىي شەخسلەرنىڭ ئۈلگىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى پۈتۈن خەلقنىڭ ئاڭلىقلىقىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك. قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنى پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئېتىقادىغا ئايلاندۇرۇش لازىم. مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى ئۇزۇن مۇددەتلىك تەس قۇرۇلۇش، ئۇزۇن مۇددەت تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، بوشاشتۇرماستىن ئەمەلىي ئىش قىلغاندىلا، خەلق رازى بولىدىغان ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ.

  جۇڭگو كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ چىشەن شىزاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى. ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: باي بولۇش ۋە مەدەنىيەتكە ئىنتىلىش ئىنسانلارنىڭ تەرەققىي قىلىشىدىكى مەڭگۈلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ. پارتىيىمىزنىڭ «ئىككى يۈز يىللىق» نىشانىنىڭ مەزمۇنى دەل خەلقنىڭ كۈنسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان ماددىي ۋە مەدەنىيەت ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش. پارتىيە بىلەن ئاممىنىڭ قويۇق مۇناسىۋىتىنى ساقلاش مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش، جەمىئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداشنىڭ ئالدىنقى شەرتى. بارلىق پارتىيىلىك كادىرلار پارتىيىنىڭ ئىسىل ئەنئەنىسى ۋە ئىستىلىنى ئۇنتۇپ قالماي، پۈتۈن ھۇجۇدى بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش باش مەقسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، ئاممىنى مەڭگۈ قەلبىگە چىڭ پۈكۈشى لازىم. توت ناتوغرا ئىستىلنى تۈزىتىش بىر مەيدان مەغلۇب بولمايدىغان كۆرەش، يېڭى سۆزنى دىگەندە كونا سۆزنى ئۇنتۇپ قالماسلىق كېرەك. ئىستىل تۈزۈتىشنى پۇختا چىڭ تۇتۇش لازىم، چىڭ تۇرۇش داۋامىدا چوڭقۇرلاشتۇرۇش چوڭقۇرلاشتۇرۇش داۋامىدا چىڭ تۇتۇش لازىم.

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسى بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زوڭلىسى جاڭ گاۋلى يۇننەن ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى. جاڭ گاۋلى ۋەكىللەرنىڭ سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلىغاندىن كىيىن، يۇننەن ئۆلكىسىنىڭ ئىسلاھات ۋە تەرەققىياتدا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى تولۇق مۇئەيەنلەشتۇردى ھەمدە يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ مەركەزنىڭ تەلىپى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھى بويىچە، تۆت ئومۇمىيۇزلۇك ئىستراتېگىيەسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىنى زىچ چۆرىدىگەن ھالدا، يۈننەننىڭ ئەمەلىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىش قىلىپ، ئېشىشنى مۇقىملاشتۇرۇپ، بىر بەلباغ، بىر يول ۋە چاڭجياڭ دەرياسى ئىقتىسادىي بەلبېغى قۇرۇلۇشىغا ئاكتىپ قاتنىشىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ ئىلگىرلەيدىغان ئۈلگە رايونىنى بەرپا قىلىپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيىتى قۇرۇلۇشىنىڭ باشلامچىسى بولۇپ، جەنۇبىي ئاسىيا ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىياغا تەسىر كۆرسىتىش مەركىزىگە ئايلىنىشقا يۇزلىنىپ، يۈننەننىڭ ھالقىما تەرەققىياتىغا تىرىشىپ تۇرتكە بولۇشنى ئۇمىتد قىلدى.

  

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر