باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

يۈ جېڭشېڭ سىياسىي كېڭەش 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 3-يىغىنىدىن خەۋەر بېرىشكە قاتناشقان ئاخباراتچىلارنى يوقلىدى

2015.03.15 10:18         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى يۈ جېڭشېڭ 13-مارت چۈشتىن كېيىن خەلق سارىيىدا جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 3-يىغىنىدىن خەۋەر بېرىش خىزمىتىگە قاتناشقان مەركەزدىكى ئاساسلىق تاراتقۇلارنىڭ مەسئۇللىرى ۋە مۇھەررىر، مۇخبىرلار ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى، يىغىندىن خەۋەر بېرىشكە قاتناشقان بارلىق ئاخباراتچىلاردىن سەمىمىي ھال سورىدى ھەمدە سەمىمىي رەھمەت ئېيتتى.

  يۈ جېڭشېڭ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى يىغىن ناھايىتى ئوڭۇشلۇق ئېچىلدى، خەۋەر بېرىش خىزمىتىمۇ ناھايىتى ياخشى بولدى. مەركەزدىكى ئاخبارات ئورۇنلىرى زىچ ماسلىشىپ، يىغىننىڭ قارالمىلىرىنى زىچ چۆرىدەپ، توغرا جامائەتچىلىك يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، خەۋەر بېرىش ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ بولۇشنى ئومۇميۈزلۈك تەڭكەش ئالغا سىلجىتىش، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش ستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇشى توغرىسىدا كۈچ چىقارغان نەتىجىلىرىدىن تولۇق خەۋەر بەردى، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقتىكى زور مەسىلىلەر ۋە ئامما كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ئەمەلىي مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ مەسلىھەتلىشىپ مۇزاكىرە قىلغان پىكىر-تەكلىپلەرنى كەڭ تۈردە تەشۋىق قىلدى، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ دۆلەت، خەلق ئۈچۈن ۋەزىپىسىنى تولۇق ئادا قىلغان ياخشى ئوبرازىنى تولۇق نامايەن قىلدى، ئورتاق تونۇشنى كەڭ تۈردە مۇجەسسەملەپ، ئىجابىي كۈچنى قۇۋۋەتلەپ، سىياسىي كېڭەشنىڭ ئىتتىپاقلىق ۋە دىموكراتىيە كەيپىياتىنى ئەكس ئەتتۈردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر