باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

12–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3–يىغىنىنىڭ ‹‹ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتى›› توغرىسىدىكى قارارى

2015.03.16 14:30         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  (2015–يىل 3–ئاينىڭ 15–كۈنى 12–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3–يىغىنىدا ماقۇللاندى)

  12 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3 – يىغىنى باش تەپتىش ساۋ جيەنمىڭ بەرگەن ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلاپ ئۆتتى ۋە قاراپ چىقتى. يىغىن ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئۆتكەن بىر يىللىق خىزمىتىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، دوكلاتتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان 2015 – يىللىق خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىغا قوشۇلۇپ، دوكلاتنى تەستىقلاشنى قارار قىلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيى ۋە 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 –، 4 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى ۋە ‹‹ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش›› مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى يېتەكچى قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇن ئىدارە قىلىش يولىدا قەتئىي ئېغىشماي مېڭىپ، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلاردا يۈكلەنگەن مەسئۇلىيىتىنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىشى، تەپتىشلىك ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە مۇستەقىل، ئادىل يۈرگۈزۈشى، خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرىنىڭ قانۇن يۈرگۈزۈش ئىشلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى، تىنچ جۇڭگو قۇرۇلۇشى، قانۇن ئىدارە قىلىدىغان جۇڭگو قۇرۇلۇشى ۋە قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان قوشۇن قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈشى، ئىجتىمائىي ئومۇمىيەتنىڭ مۇقىملىقىنى كۈچەپ قوغدىشى، ئىجتىمائىي ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشى، خەلقنىڭ خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى، تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى فۇنكسىيەلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشى، ‹‹ئىككى 100 يىل››لىق كۈرەش نىشانىغا يېتىش، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن يېڭى تۆھپىلەرنى قوشۇشى كېرەك. 

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر