باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭنىڭ بۇ يىلقى ئالى مەكتەپ ئىمتىھانى غەمخورلۇق قىلىش سىياسىتى « ئورۇقلىدى»

2015.03.17 16:29         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ17-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىنجاڭنىڭ بۇ يىلدىن باشلاپ ئىجرا قىلدىغان ئالى مەكتەپكە قۇبۇل قىلىش غەمخورلۇق قىلىش سىياسىتى قاتتىق دېققەتنى قوزغىدى. ئىلگىرىكى يىللارغا سېلىشتۇرغاندا، بۇيىل كۆپ تۈرلۈك نۇمۇر قوشۇش تۈرلىرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، يېڭى سىياسەتكە ئاساسەن، نۇمۇر قۇشۇش سىياسىتىدىن بەھرىلىندىغان ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىدىن باشقا، خىزمەت كۆرسەتكەن ياكى خىزمەت ئۈستىدە قۇربان بولغان، يارلانغان خەلق ساقچىلىرىنىڭ پەرزەنتلىرى نومۇر قۇشۇش سىياسىتىدىن بەھرىلىندۇ.

  مۇخبىرنىڭ ئاپتونۇم رايۇنلۇق ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش ئىشخانىسىدىن ئېگەللىشىچە، بۇ يىلدىن باشلاپ رەسمى ئىجرا قىلىندىغان ئالى مەكتەپكە قۇبۇل قىلىش يېڭى بەلگىلمىسىگە ئاساسەن، مەملىكەتلىك ئوتتۇرا مەكتەپ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ مەملىكەتلىك ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنىڭ 1-،2- 3- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلەر، مەملىكەتلىك ياش- ئۆسمۈرلەر پەن – تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مۇسابىقىسى، مەملىكەتلىك ياش- ئۆسمۈرلەر بىئولوگىيە ۋە مۇھىت ئىلمى ئەمىلى پائالىيتى، « ئەتىدىكى كىچىك ئالىم» رىغبەتلەندۈرۈش پائالىيتى، مەملىكەتلىك ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپ كومپىيۇتېر ياساش پائالىيتى 1-،2- دەرىجىلىك مۇكاپاتى، خەلقئارالىق ئىلىم- پەن ۋە قۇرۇلۇش چوڭ مۇسابىقىسى، خەلقئارا مۇھىت ئىلمى تەتقىقات تۈرى ئولىمپىك مۇسابىقىسىدە مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلەر، مۇھىم خەلقئارالىق تەنتەربىيە مۇسابىقىلىرىدە كوللىكتىپ ۋە شەخسى تۈردە ئالدىنقى 6-لىككە ئېرىشكەنلەر، مەملىكەتلىك تەنتەربىيە مۇسابىقىلىرىدە شەخسى تۈردە ئالدىنقى 6- لىككە ئېرىشكەنلەرگە نۇمۇر قۇشۇش غەمخورلۇق سىياسىتى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى.

  ئالى مەكتەپ ئىمتىھانىدا نۇمۇر قۇشۇش سىياسىتى «ئورۇقلاش» بىلەن بىرگە، شىنجاڭدا تېرورلۇققا قارشى تۇرۇپ ئامانلىق ساقلاشنىڭ بىرىنچى سېپىدە خىزمەت كۆرسەتكەن خەلق ساقچىلىرىنىڭ پەرزەنتلىرى ئۈچۈن يەرلىك نۇمۇر قوشۇش سىياسىتىنى ئوتتۇرغا چىقاردى. ئەڭ يېڭى ئوتتۇرغا چىققان «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىنىڭ خەلق ساقچىلىرىغا نەپىقە بېرىشنى ئالدىن بىجىرىش تەدبىرىنى ئىجرا قىلىش بەلگىلمىسى» گە ئاساسەن جامائەت خەۋىپسىزلىكى مىنىستىرلىكى تارقاتقان 1-،2- دەرىجىلىك قەھرىمان نەمۇنىچى خەلق ساقچىلىرىنىڭ پەرزەنتلىرى، يارلانغان خەلق ساقچىسىنىڭ ئۆزى، خىزمەت ئۈستىدە قۇربان بولغان خەلق ساقچىلىرىنىڭ پەرزەنىتلىرى، 1-دەرىجىدىن4- چى دەرىجىگىچە مېيىپ بولغان خەلق ساقچىلىرىنىڭ پەرزەنىتلىرى بىرىنچى ئارزۇسىغا ئاپتۇنۇم رايۇن ئىچىدىكى ئالى مەكتەپنى يازسا، ئىمتىھان نەتىجىسى ئۇمۇمى نۇمۇرىنىڭ ئاساسىدا 10 نۇمۇر قوشۇلۇپ ئارخىپقا سېلىندۇ، مەكتەپ تەكشۈرۈپ قۇبۇل قىلىش قىلماسلىقنى قارار قىلىدۇ. 1- دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسەتكەن خەلق ساقچىلىرىنىڭ پەرزەنىتلىرى شىنجاڭ ساقچى ئىنىستوتىىنىڭ جامائەت خەۋىپسىزلىكى تۈرىدىكى كەسىپنى تاللىسا، ئىمتىھان نەتىجىسى ئۇمۇمى نۇمۇر ئاساسىدا 10 نۇمۇر قۇشۇلۇپ ئارخىپقا سېلىندۇ، مەكتەپ تەكشۈرۈپ قۇبۇل قىلىش قىلماسلىقنى قارار قىلىدۇ.

  تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابدۇۋايىت

ئالاقىدار خەۋەرلەر