دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 16-مارت «خەلق سارىيى»دا خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى فوستېر بىلەن كۆرۈشتى.
شى جىنپىڭ فوستېر مۇدىرنىڭ جۇڭگوغا زىيارەتكە كەلگىنىنى قارشى ئېلىپ، مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بىز «ئىككى يۈز يىل»لىق كۈرەش نىشانىنى ئوتتۇرىغا قويدۇق، بۇ نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، جۇڭگو ئۆزىنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ماس كېلىدىغان سىجىل تەرەققىيات يولىدا ماڭىدۇ. مەن بۇ يىل 9-ئايدا ئامېرىكىغا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىگە بارىمەن، بۇ قېتىم ئامېرىكىدىكى ھەر ساھە زاتلىرى بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو-ئامېرىكىنىڭ يېڭىچە دۆلەت مۇناسىۋىتى پىلانى تۈزۈش ھەققىدە مەسلىھەتلىشىشنى خالايمەن. ئىككى تەرەپ ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق، جۇڭگو-ئامېرىكىنىڭ ئىنسانلار مەدەنىيىتى ئالماشتۇرۇش ھەمكارلىقىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ئاكتىپ كۈچ قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
مەنبە: خەلق تورى