باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 3-يىغىنى بۈگۈن يېپىلىدۇ

2015.03.15 10:35         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 15-مارت چۈشتىن بۇرۇن، مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 3-يىغىنىنىڭ يېپىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلىدۇ، يېپىلىش مۇراسىمىدا ۋەكىللەر ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات، 2014-يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى شۇنداقلا 2015-يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانى، 2014-يىللىق مەركەز ۋە يەرلىك خامچوتىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى ۋە 2015-يىلللىق مەركەز ۋە يەرلىكنىڭ خامچوتى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى خىزمىتى دوكلاتى، ئالىي تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتىدىكى ئالتە قارار لايىھەسى قاتارلىقلارغا ئاۋاز بېرىدۇ؛ قانۇن چىقىرىش قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش قارار لايىھەسى ۋە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ چېن جىنىڭ، چېن خاۋ قاتارلىقلارنىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمي كومىتېتىنىڭ ئەزاسىلىق ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا سوراش ئىلتىماسى قاتارلىق قارار لايىھەلىرىگىمۇ ئاۋاز بېرىدۇ.

  مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 3-يىغىنى يېپىلغاندىن كېيىن، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ خەلق سارىيىنىڭ ئالتۇنرەڭ زالىدا مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 3-يىغىنىغا قاتناشقان جۇڭگولۇق ۋە چەتئەللىك مۇخبىرلار بىلەن كۆرۈشىدۇ شۇنداقلا مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاپ بېرىدۇ. مەركىزىي خەلق رادىئو ئىستانسىسى، مەركىزىي خەلق تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، جۇڭگو خەلقئارا رادىئو ئىستانسىسى قاتارلىق تاراتقۇلار نەق مەيداندىن زۇڭلى لى كېچياڭنىڭ چەتئەللىك مۇخبىرلار بىلەن كۆرۈشكەنلىك ئەھۋالى توغرىسىدا خەۋەر بېرىدۇ، مەركەزنىڭ نۇقتىلىق ئاخبارات تور بېكەتلىرى تەڭكەش خەۋەر بېرىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر