باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى: بېرما تەرەپ خىزمەت گۇرۇپپىسى جۇڭگو-بېرما چېگرىسىغا بېرىپ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىرلىشىپ تەكشۈردى

2015.03.17 17:23         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خۇڭ لېي 16-مارت مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلغان. بېرما ھەربىي ئايروپىلانىنىڭ جۇڭگو تەرەپ چېگرا پۇقراسىنى يارىلاندۇرۇش ۋەقەسىنىڭ يۈز بەرگىنىگە ئۈچ كۈن بولدى، خۇڭ لېي شۇ كۈندىكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، بېرما تەرەپكە جۇڭگونىڭ ئوخشىمىغان يوللار ئارقىلىق بۇ ئىشقا قاتتىق ئارىلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بىرما تەرەپ جۇڭگو تەرەپكە بۇ ۋەقەنىڭ جۇڭگو پۇقراسىنى يارىلاندۇرغانلىقىدىن ئىنتايىن قايغۇرغانلىقى، ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ ياخشى بىر تەرەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بېرما تەرەپ ئەۋەتكەن خىزمەت گۇرۇپپىسى تۈنۈگۈن جۇڭگو-بىرما چېگرا رايونىغا بېرىپ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىرلىكتە تەكشۈردى.

  بېرمىنىڭ شىمالىدىكى كوكاڭ رايونىدا توقۇنۇش بولىۋاتقىلى بىر ئايدىن ئېشىپ، جۇڭگو-بىرما چېگرا رايونىنىڭ تىنچ، مۇقىملىقىغا ئېغىر تەسىر يەتكۈزدى. جۇڭگو تەرەپ توقۇنۇشقا ئالاقىدار تەرەپلەرنى جۇڭگو كۆڭۈل بۆلىدىغان ئىشلارغا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىپ، ئۆزىنى تۇتۇۋېلىپ، ۋەقەنى تېزدىن تىنچلاندۇرۇپ، چېگرا رايوننىڭ نورمال تەرتىپىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە دەۋەت قىلدى.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر