باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مائاشنى قانداق قىلىپ ئاساسىي قاتلامغا مايىللاشتۇرۇش كېرەك؟

2015.03.17 17:24         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىجتىمائىي كاپالەتنى كۈچەيتىمىز ۋە ئاھالىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرىمىز. كارخانىدىن پېنسىيىگە چىققانلارنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلى ئۆلچىمىنى ٪10 ئۆستۈرىمىز. شەھەر، يېزا ئاھالىسىنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلىنىڭ ئۆلچىمىنى بىر تۇتاش ھالدا 55 يۈەندىن 70 يۈەنگە ئۆستۈرىمىز. شەھەر، بازاردىكى ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلىنى مەملىكەت بويىچە بىر تۇتاش غەملەشنى ئىلگىرى سۈرىمىز ....

  ئورگانلار ۋە كەسپىي ئورۇنلارنىڭ كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تۈزۈمى ئىسلاھاتى تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مائاش تۈزۈمىنى ماس قەدەمدە مۇكەممەللەشتۈرىمىز، سىياسەتنى ئاساسىي قاتلام خىزمەتچىلىرىگە مايىللاشتۇرىمىز. ناھىيە دەرىجىلىكتىن تۆۋەن ئورگانلاردىكى مەمۇرلارغا ۋەزىپە بىلەن دەرىجىنى تەڭ بېرىش تۈزۈمىنى ئورنىتىمىز.... مائاش ۋە كاپالەت ئۆلچىمى قاتارلىقلارنى ئۆستۈرۈش سىياسىتىنىڭ مەنپەئەت بېرىش دائىرىسى كەڭ، ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر بۇ سىياسەتنى چوقۇم تولۇق ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك. خەلقنىڭ دەردىگە دەرمان بولۇش دۆلەتنىڭ مۇھىم ئىشى، شۇڭا بىز خەلق تۇرمۇشىنىڭ تۆۋەن چېكىگە پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ياخشى كاپالەتلىك قىلىمىز.

  −− «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات»تىن ئېلىندى

  بىزنىڭ ئىلگىرىكى كۈتۈنۈش ئۇسۇلىمىز ياكى كۈتۈنۈشكە كاپالەتلىك قىلىش ئۇسۇلىمىز خىزمەت ئورنىنى ئاساس قىلغان كاپالەت ئۇسۇلى بولسا، كەلگۈسىدە ئىجتىمائىي كاپالەت ئۇسۇلىدا بولىدۇ.... كەلگۈسىدە پېنسىيە چىقىش ھەققىنى خىزمەت ئورنى تۆلىمەستىن، فوندىدىن چىقىم قىلىنىدۇ، مۇشۇنداق قىلغاندا جەمئىيەتنىڭ ئۆز ئارا بىر تۇتاش ياردەم بېرىشىنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

  ناھىيە دەرىجىلىكتىن تۆۋەن ئورگانلاردىكى مەمۇرلارغا ۋەزىپە بىلەن دەرىجىنى تەڭ بېرىش تۈزۈمى ئېلىمىز كادىرلار ئىشلىرى تۈزۈمى ئىسلاھاتىدىكى مۇھىم تەدبىرلەرنىڭ بىرى، شۇنداقلا مەمۇرلارنى باشقۇرۇش تۈزۈمىدە يېڭىلىق ياراتقانلىق ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرگەنلىك ھېسابلىنىدۇ.... دۆلىتىمىزدە 7 مىليون 200 مىڭ مەمۇر بار بولۇپ، ٪60ى ناھىيە دەرىجىلىكتىن تۆۋەن ئورگانلاردا خىزمەت قىلىدۇ، خىزمەت شارائىتى ئىنتايىن جاپالىق، ۋەزىپىسى ئىنتايىن ئېغىر. لېكىن ناھىيە دەرىجىلىكتىن تۆۋەن ئورگان، ئاپپاراتلارنىڭ ئۆلچىمى نىسبەتەن تۆۋەن بولغاچقا، ئاساسىي قاتلام مەمۇرلىرىنىڭ ئۆسۈشى قىيىن، تەمىناتى تۆۋەن بولۇشتەك زىددىيەتلەر بىر قەدەر گەۋدىلىك. بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، مەمۇرلارغا ۋەزىپە بىلەن دەرىجىنى تەڭ بېرىش تۈزۈمىنى ئوتتۇرىغا قويدۇق.... مەركەزنىڭ تەستىقلىشى بىلەن مەملىكەتتىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن تۆۋەن ئورگانلار بۇ يىل مەمۇرلارغا ۋەزىپە بىلەن دەرىجىنى تەڭ بېرىش تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ.

  −− ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقنىڭ مىنىستىرى يى ۋېيمىن، مۇئاۋىن مىنىستىرى خۇ شاۋيىنىڭ مۇخبىرلارغا بەرگەن جاۋابىدىن ئېلىندى

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر