- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
جۇڭگو نىفىت-تەبئىي گاز گوروھى شىركىتىنىڭ باش دېرىكتورى لياۋ يوڭيۈەن قانۇن-ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىشقا چېتىشلىق بولغانلىقتىن تەكشۈرۈلدى
2015.03.17 16:28 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى نازارەت بۆلۈمى تورى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، جۇڭگو نىفىت-تەبئىي گاز گوروھى شىركىتىنىڭ باش دېرىكتورى لياۋ يوڭيۈەن قانۇن-ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىشقا چېتىشلىق بولغانلىقتىن نۆۋەتتە تەشكىلنىڭ تەكشۈرۈشىنى قۇبۇل قىلماقتا.
لياۋ يوڭيۈەننىڭ قىسقىچە تەرجىمھالى:
پروفېسسور دەرىجىلىك ئالىي ئېنژىنىر، جۇڭگو نىفىت-تەبئىي گاز ساھەسىدە 30نەچچە يىللىق خىزمەت تەجرىبىسى بار.
2013-يىلى 5-ئايدا جۇڭگو نىفىت-تەبئىي گاز گوروھى شىركىتىنىڭ باش دېرىكتورى، مۇدىرى، 2014-يىلى 5-ئايدا جۇڭگو نىفىت-تەبئىي گاز پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش مۇدىرى، بىئىجرا مۇدىرىلىققا تەكلىپ قىلىنغان.
تەرجىمە مۇھەررىرى:ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر