باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«يىمەكلىكلەرنى قايتۇرۇۋېلىشنى باشقۇرۇش چارىسى» بىرىنچى سېنتەبىردىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ

بىرىنچى دەرىجىلىك قايتۇرۇۋېلىش 24سائەت ئىچىدە باشلىنىدۇ

2015.03.17 16:24         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت يىمەكلىك-دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسى يېقىندا « يىمەكلىكلەرنى قايتۇرۇۋېلىشنى باشقۇرۇش چارىسى»نى ئېلان قىلدى، بۇ «چارە» 2015-يىلى 9-ئاينىڭ بىرىنچى سېنتەبىردىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

  «چارە» يىمەكلىك ئىشلەپچىقىرىدىغان تىجارەتچىنىڭ قايتۇرۇۋېلىش ۋاقىت چېكىنى بەلگىلىدى.

  بۇنىڭ ئىچىدە، بىرىنچى دەرىجىلىك قايتۇرۇۋېلىش: يېمەكلىك ئىستىمال قىلىنغاندىن كېيىن، سالامەتلىككە ئېغىر دەرىجىدە زىيان يەتكۈزگەن ياكى يەتكۈزۈش ئېھتىمالىقى بولغان، ھەتتا ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ياكى كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئېھتىماللىقى بولغاندا، چوقۇم يىمەكلىكنىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىسىنى بىلگەندىن كېيىنكى 24سائەت ئىچىدە قايتۇرۇۋېلىشنى باشلاش، ھەمدە 10خىزمەت كۈنى ئىچىدە تاماملاش لازىم.

  ئىككىنچى دەرىجىلىك قايتۇرۇۋېلىش: ئىستىمال قىلىنغاندىن كېيىن ئادەتتىكى سالامەتلىك زىيىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ياكى كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئېھتىماللىقى بولغاندا، يىمەكلىكنىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىسىنى بىلگەندىن كېيىنكى 48سائەت ئىچىدە قايتۇرۇۋېلىشنى باشلاش، ھەمدە 20خىزمەت كۈنى ئىچىدە تاماملاش لازىم.

  ئۈچۈنچى دەرىجىلىك قايتۇرۇۋېلىش: ماركا، كۆرسەتمىلىرىدە ئويدۇرما بولغان يىمەكلىكلەرگە قارىتا، مۇناسىۋەتلىك يېمەكلىكنىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىسىنى بىلگەندىن كېيىنكى 72سائەت ئىچىدە قايتۇرۇۋېلىشنى باشلاش، ھەمدە 30خىزمەت كۈنىدە تاماملاش لازىم.

  تەرجىمە مۇھەررىرى:ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر