خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ17-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شۇ كۈنى، ئىككنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلدىكى جۇڭگو ۋە ئامېرىكا بىرلىشىپ ئۇرۇش قىلغانلىقىنى نامايەن قىلدىغان « دۆلەت ئەسلىمىسى ـــ جۇڭگو ئامېرىكا ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىكى ھەمكارلىق سىن سۆرەت كۆرگەزمىسى» ئامېرىكىنىڭ ھاۋاي پىيورل خاربوردىكى تىنچ ئوكيان ئاۋىياتسىيە موزىيدا باشلاندى. كۆرگەزمىنىڭ مەزمۇنى ئامېرىكا دۆلەتلىك ئارخىپ موزىيى ساقلىغان، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلدە ئامېرىكا ئاخبارات دىۋىزىيەسى 164 - سۈرەتكە تارتىش روتىسى تارتقان ئامېرىكا- جۇڭگو بىرلەشمە ئارمىيەسىنىڭ جۇڭگو بېرما چىگرىسىدا بىرلىكتە ياپۇنغا قارشى تۇرغان 100 پارچىدىن ئارتۇق تارىخىي سۈرىتىنى ئاساس قىلغان. كۆرگەزمە 31- ئىيۇلغىچە داۋاملىشىدۇ.
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى