- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
نەزەربايوف كېلەر نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭ سايلىمىنىڭ نامزاتى بولدى
2015.03.17 15:00 مەنبە: خەلق تورى
قازاقىستان مەركىزىي سايلام ھەيئىتى 15-مارت مۇنداق دېدى: ھازىرقى زۇڭتۇڭ نەزەربايوف بارلىق تىزىملىتىش تەرتىپلىرىنى تاماملاپ، كېلەر نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭ سايلىمىنىڭ 1-نامزاتى بولدى.
قازاقىستاننىڭ سايلام قانۇنىغا ئاساسەن، مەملىكەت بويىچە ئاز دېگەندە 3/2 قىسىم رايوننىڭ، ئاز دېگەندە قانۇنلۇق سايلىغۇچىلارنىڭ ٪1تى تەخمىنەن 90 مىڭ كىشىنىڭ ئىمزا قويۇپ قوللىشىنى توپلىسا، ئاندىن زۇڭتۇڭ نامزاتلىق سالاھىيىتىگە ئېرىشەلەيدۇ. قازاقىستان دۆلەت ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، نەزەربايوف قازاقىستان رايونىدىكى 560 مىڭدىن ئارتۇق قوللىغۇچىنىڭ ئىمزاسىنى توپلىغان.
قازاقىستان بۇ يىل 26-ئاپرېل زۇڭتۇڭ سايلىمى ئۆتكۈزىدۇ. قازاقىستاننىڭ ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيە «ۋەتەن نۇرى» خەلق دېموكراتىك پارتىيەسى 11-مارت ئېچىلغان 16-نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىدا، پارتىيە رەئىسى نەزەربايوفنى بۇ پارتىيەدىن كېلەر نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭ سايلىمىغا قاتناشقۇچى نامزاتلىققا كۆرسەتكەن.
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر