باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭنىڭ بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرىگە قاتنىشىشىدىكى ئۈچ سىر

2015.03.27 15:46         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىملىق بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرىگە قاتنىشىشى 2010-يىلى، 2013-يىلىدىن كېيىن 3-قېتىم قاتنىشىشى ھېسابلىنىدۇ. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بۇ يىل ۋاقىت چىقىرىپ 2015-يىللىق بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىشى ئۇنىڭ بۇ مۇنبەرنى قانچىلىك مۇھىم بىلىدىغانلىقىنى تولۇق چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرىنىڭ مەقسىتى ھۆكۈمەت، كارخانا ۋە مۇتەخەسسىس، ئالىم قاتارلىقلارنى ئىقتىساد، جەمئىيەت، مۇھىت ۋە باشقا ئالاقىدار مەسىلىلەرنى ئورتاق كېڭىشىدىغان يۇقىرى قاتلام سۆھبەتلىشىش سۇپىسى بىلەن تەمىنلەش بولۇپ، ئاسىيانىڭ جايلاردىكى ھۆكۈمەت ئارا ھەمكارلىقىنىڭ تولۇقلىمىسى ئىدى، ئۇنداقتا باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇنىڭغا نېمىشقا بۇنچىۋالا ئېتىبار بېرىدۇ، بۇنىڭ ئارقىسىغا قانداق سىر يوشۇرۇنغان؟ مۇتەخەسسىسلەر بۇنىڭ ئارقىسىدا ئاز دېگەندىمۇ ئۈچ سەۋەب بار، دەپ قارىدى.

  بىرىنچى سەۋەب:

  كۆپ تەرەپنىڭ ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى» ئېڭىنى يىلتىزدىن ئەمەلىيلەشتۈرۈش

  «تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى» جۇڭگونىڭ يېڭى دەۋردىكى دىپلوماتىيە ئىستراتېگىيەسى، ئۇ ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئوخشاشلىقلاردا بىرلىككە كېلىپ، پەرقلەرنى ساقلاپ قېلىپ، مەنپەئەتداش ۋە تەقدىرداش بولۇپ، ئېچىۋېتىش، كەڭ قورساق بولۇش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق مەنپەئەتلىنىش ئارقىلىق ئورتاق تەرەققىياتنى كۆزلەش، ئۈزلۈكسىز سۆھبەتلىشىش ۋە ماسلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئۇيۇشۇش كۈچىنى ئاشۇرۇش، مېخانىزم خاراكتېرلىك ھەمكارلىقنى ئۈزلۈكسىز ئورنىتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش ئارقىلىق قۇرۇش خاراكتېرلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشتىن دېرەك بېرىدۇ. «تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى»نىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى، خەلقئارادا ھەققانىي، ئادىل تەرتىپ ئورنىتىش ئۈچۈن يېڭى لايىھە تۈزۈپ، ئاسىيانىڭ يېڭى كەلگۈسىنى تېخىمۇ پارلاق قىلىدۇ.

  ئىككىنچى سەۋەب:

  جۇڭگونىڭ تەشەببۇسىنى ئىپادىلەپ، رېئاللىقنى مەۋقە قىلىپ ئاساسىي مەيدان دىپلوماتىيەسىنى قانات يايدۇرۇش

  بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرى نېمىشقا بۇنچىۋالا قارشى ئېلىنىدۇ؟ جۇڭگو خەلق ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەت ئىنىستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى ۋاڭ يىۋېي «بوئاۋ دىپلوماتىيەسى» دېگەن قاراشنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ مۇنداق دېدى: بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرى ئادەتتىكى مۇنبەرنىڭ خۇسۇسىيىتىدىن ئېشىپ كەتتى، ئۇ ھازىر جۇڭگو سىياسىتى ۋە مۇھىم تەشەببۇسىنى كۆزىتىش يوللىرىنىڭ بىرىگە ئايلاندى. بۇ يىللىق بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرى نۇرغۇن مۇھىم تەكلىپلەرگە ئېتىبار بېرىدۇ، مەسىلەن «بىر بەلباغ، بىر يول»نى قانداق پىلانلاش، باشقا دۆلەتلەرگە قانداق پايدا بار ۋەھاكازالار، ئۇ كۆپ تەرەپ سورۇنلىرىنىڭ مۇزاكىرىلىشىشى ئۈچۈن ياخشى سۇپا بىلەن تەمىنلەيدۇ. نۇرغۇن دۆلەت رەھبەرلىرى مۇشۇنداق پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ جۇڭگودا دۆلەت ئىشلىرى بويىچە زىيارەتتە بولۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

  ئۈچىنچى سەۋەب:

  ئەتراپ دىپلوماتىيەسىگە ئېتىبار بېرىپ، ياخشى بولغان ئەتراپ مۇھىتى بەرپا قىلىش

  جۇڭگو يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئەتراپ دىپلوماتىيەسىگە ئېتىبار بېرىدىغان ئومۇمىي سىياسەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەتراپتىكى دۆلەتلەر، دۇنيا بىلەن ئورتاق تەرەققىي قىلىپ، ئورتاق يېڭىشتەك ۋەزىيەت يارىتىشنى تەشەببۇس قىلدى. شى جىنپىڭ بۇنى ئەتراپ دىپلوماتىيە خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا تەكىتلىگەن ۋە 2013-يىللىق بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا تىلغا ئالغان.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر