باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكى كادىرلار دېھقانلارنىڭ خالىس «مەسلىھەتچىسى» بولدى

2015.04.10 11:28         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

   خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ -9ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:ئىختىيارى مۇخبىرمىز ئابلەت ئابلىز، چولپان مەتنىياز، ئابدۇرېھىم ئايۇپ خەۋەر قىلىدۇ: يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان ھاۋانىڭ تەدىرجىي ئىللىشىغا ئەگىشىپ، ئونسۇ ناھىيەسىدە مېۋىلىك دەرەخلەرنى چاتاپ شەكىلگە كىرگۈزۈش، ئاساسىي ئوغۇت بىرىش، كېسەللىك، زىيانداش ھاشاراتلارنىڭ ئالدىنى ئېلىپ-يوقىتىش، كۈزگى بۇغداينى ئوغۇتلاش، ياۋا ئوت-چۆپلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-يوقىتىش دورىسى چېچىش، سۇغىرىش، كىچىك ئەگمە لاپاسقا ۋە مېۋىلىك كۆچەتلەرنىڭ قىرلىرىغا يالتىراق يېپىپ كۆكتات، قۇغۇن-تاۋۇز تېرىش قاتارلىق ئېتىز-ئېرىق پەرۋىش ئىشلىرى ئۇمۇميۈزلۈك باشلاندى.

  ناھىيەلىك دېھقانچىلىق تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش پونكىتى، يېزا ئىگىلىك رادىيو-تېلۋىزىيە مەكتىپى ۋە ناھىيەلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئۆلچەش تەكشۈرۈش مەركىزىدىن 2-تۈركۈمدە ئارال بازىرىنىڭ تۇربەت يۇقارقى مەھەللە ۋە ژىرما كەنتىگە چۈشكەن«ئۈچ ئەل » خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكى خادىملار كەنتكە كەلگەن بىر ئايدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، بىر تەرەپتىن ھەر قايسى مەھەللىلەرگە بېرىپ، دېھقانلارنىڭ ئۆيلىرىگە كىرىپ، ئۇلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ئەھۋالىنى ئىگەللەش بىلەن بىللە، يەنە ئۇلارغا پارتىيەنىڭ تۈرلۈك قانۇن-نىزاملىرى، «دىنى ئەسەبىيلىك»نىڭ زىيىنىنى ئېنىق تۇنۇش، دېھقانلارغا ئېتىبار بىرىش، نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى كەڭ تەشۋىق قىلدى. خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكى خادىملار ھازىر دەل دېھقانلارنىڭ باغ-ئورمانچىلىق، ئەتىيازلىق تېرىلغۇ، كۈزگى بۇغداي مايسىلىرىنىڭ ئەتىيازلىق پەرۋىش ئىشلىرى باشلىنىدىغان پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ھەر كۈنى ياڭاقلىق، چىلانلىق باغلارغا بېرىپ، باغدا ئىشلەۋاتقان دېھقانلارغا ياڭاق دەرەخلىرىگە ھاك-گۈڭگۈرت بىرىكمىسىنى قانداق چېچىش، ياڭاق، چىلان دەرەخلىرىنى قانداق چاتاپ شەكىلگە كىرگۈزۈش، چىرىش كېسىلىنىڭ زىيىنىغا ئۇچىرىغان ياڭاق كۆچەتلىرىنى قانداق پەرۋىش قىلىش، قۇتقۇزۇش، قانداق دۇرىلارنى ئىشلىتىپ، كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىپ يوقاتقىلى بۇلىدۇ؟ مېۋىلىك دەرەخلەرگە ئەتىيازلىق ئاساسى ئوغۇتنى قانداق بىرىش قاتارلىق مەزمۇنلاردا نەق مەيداندا ئۈلگە كۆرسەتتى ۋە چۈشەندۈردى. دېھقانلارغا چىلان ئۆستۈرۈش تېخنىكىسىنى يەنىمۇ سېستىمىلىق، ئەمەلىيەت بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ئۆگىتىش ئۈچۈن، يېزا ئىگىلىك رادىيو-تېلۋىزىيە مەكتىپى يەنە ۋىلايەتلىك ئورمانچىلىق پەن-تەتقىقات ئورنىنىڭ ئالى ئىنژېنېرى توختى مامۇتنى 2 قېتىم تەكلىپ قىلىپ، دېھقانلارغا نەق مەيداندا تېخنىكا ئۆگەتتى.

  يەنە نەق مەيدان يىغىنى ئېچىش، دېھقانلارنى ئەتىگەنلىك دولقۇن ئەمگىكىگە تەشكىللەش، كەنتتىكى رادىيو كانىيىدىن پايدىلىنىش ئارقىلىق، دېھقانلارغا نۆۋەتتىكى بۇغداي مايسىلىرىنى پەرۋىش قىلىشتىكى تېخنىكىلىق تەلەپلەرنى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ چۈشەندۈردى. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئۇلار كەسپى ئالاھىدىلىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، دېھقانلارغا ساختا، ناچار، سۈپەتسىز دېھقانچىلىق دۇرىلىرى، خېمىيەۋى ئوغۇت، ۋە تۈرلۈك زىرائەت، كۆكتات ئۇرۇقلىرىنى پەرقلەندۈرۈش، چارۋا-ماللار ۋە ئۆي قۇشلىرىدا ئەتىيازدا كۆپ كۆرۈلىدىغان كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، كىچىك تىپتىكى ماتۇرلۇق دۇرا چېچىش ماشىنلىرىنى توغرا، بىخەتەر ئىشلىتىش بىلىملىرىدىن ساۋات سۆزلەپ بېرىپ، دېھقانلارنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان يېتىشنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالدى. خىزمەت گۇرۇپپا ئەزاسى مۇھاببەت تۇنياز مۇنداق دېدى: بىز ھازىر دەل دېھقانلارنىڭ ئەتىيازلىق باغ-ئورمانچىلىق، دېھقانچىلىق ئىشلىرىدا ھەر جەھەتتىن يىتەكلەشكە، ئۆگىتىشكە، مەسلىھەت بېرىشكە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئېتىز-ئېرىق ۋە باغلارغا بېرىپ، دېھقانلار يۇلۇققان تۈرلۈك مەسىللىرىگە مەسلىھەت بەردۇق ۋە يېتەكچىلىك قىلدۇق، بىز تېلېفۇن نۇمۇرىمىزنى دېھقانلارغا ئېيتىپ بىرىپ، تېلېفۇن قىلسىلا، دەرھال ئىشىك ئالدىغا، ئېتىز بېشىغا بېرىپ، ئۇلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ بەردۇق، بۇنىڭدىن كېيىن، بىز يەنە دېھقانلارغا ھەر جەھەتتىن ياردەم بېرىش، يىتەكلەش پائالىيەتلىرىنى داۋاملىق ئېلىپ بارىمىز. ژىرما كەنت 2-مەھەللىسىدىكى ئابدۇرېھىم قېييۇم مۇنداق دېدى: مەن خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكىلەرنىڭ مەسلىھەتىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، مېۋىلىك باغلارغا ئەتىيازدا ئاساسى ئوغۇت بىرىشنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرى ۋە چىرىش كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۇسۇللىرىنى بىلىۋالدىم، مەن بۇ يىل مېۋىلىك باغلارنى تېخنىك تەلەپ بۇيىچە باشقۇرۇپ، يۇقۇرى ھۇسۇل ئېلىشنى قولغا كەلتۈرىمەن.ئونسۇ ناھىيەلىك يېزا ئىگىلىك رادىيو-تېلۋىزىيە مەكتەپتىن ئابلەت ئابلىز.

  تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر