باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

3–نۆۋەتلىك ‹‹يېڭى شىنجاڭ، يېڭى كۈي›› ناخشا–مۇزىكا ئىجادىيىتى سەپەرۋەرلىك يىغىنى ئېچىلدى

2015.04.13 14:43         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  10 – ئاپرېل چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى، ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى بىرلىشىپ پارتىيە 18 – نۆۋەتلىك 3 –، 4 – ئومۇمىي يىغىنى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويغان سۆزىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئاپتونوم رايونىمىز قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ئىناق – ئىتتىپاق، بەختىيار تۇرمۇشىنى، ئورتاق گۈزەل يۇرت – ماكان قۇرۇپ چىقىش ئارزۇسىنى مەدھىيەلەش، شىنجاڭنىڭ ناخشا – مۇزىكا ئىجادىيىتىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش مەقسىتىدە، ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت نازارىتىدە 3 – نۆۋەتلىك ‹‹يېڭى شىنجاڭ، يېڭى كۈي›› ناخشا – مۇزىكا ئىجادىيىتى سەپەرۋەرلىك پائالىيىتى ئېلىپ باردى.

  بۇ قېتىمقى پائالىيەتنى ئۆتكۈزۈشنى ئاپتونوم رايونلۇق چوڭ تىپتىكى مەدەنىيەت پائالىيىتى مۇلازىمەت مەركىزى بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق مۇزىكانتلار جەمئىيىتى ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، 2013 – يىل 1 – يانۋاردىن كېيىن ئىجاد قىلىنغان مەزمۇنى ساغلام، ئاپتونوم رايونىمىز قۇرۇلغان 60 يىلدىن بۇيانقى تەرەققىياتلار گەۋدىلەندۈرۈلگەن ھەر مىللەتنىڭ ناخشا – مۇزىكىلىرى قوبۇل قىلىنىپ، تاللانغان ناخشا – مۇزىكىلارنى تاراتقۇلاردا ئېلان قىلىپ، پىلاستىنكا ئىشلەپ، ئاخىرىدا مۇتەخەسسىسلەرنىڭ باھالىشى ۋە جەمئىيەتتىكىلەرنىڭ بېلەت تاشلىشى بىلەن دەرىجىگە ئايرىپ، ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكەن ئىككى ئەسەرنى 30 مىڭ يۈەن، كۈمۈش مېدالغا ئېرىشكەن ئۈچ ئەسەرنى 20 مىڭ يۈەن، مىس مېدالغا ئېرىشكەن بەش ئەسەرنى 10 مىڭ يۈەن بىلەن مۇكاپاتلايدۇ. ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى بۇ پائالىيەتكە قاتنىشىش ئارزۇسى بار كومپوزىتورلار شىنجاڭ مۇزىكانتلار جەمئىيىتىxjma.org.cn//www:http تورىدىن تىزىملىتىش جەدۋىلىنى چۈشۈرۈۋېلىپ توشقۇزۇپ، ئادرېس بويىچە 2015 – يىل 15 – ئىيۇلدىن بۇرۇن ئەۋەتسە بولىدۇ. بۇنىڭدا خەنزۇچە تېكىستتىكى ناخشىلار تولۇق تېكىست بويىچە يوللىنىدۇ، ئاز سانلىق مىللەت تىلىدىكى ناخشىلارنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىنىپ يوللىنىدۇ، ئالدىنقى ئىككى نۆۋەتلىك ‹‹يېڭى شىنجاڭ، يېڭى كۈي›› ناخشا – مۇزىكا ئىجادىيىتىگە قاتناشتۇرۇلغان ئەسەرلەرنى قاتناشتۇرۇشقا بولمايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر