ئىككى تەرەپ جۇڭگو-ۋيېتنامنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنى قەدىرلەپ ۋە قوغداپ، جۇڭگو-ۋيېتنامنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق شېرىك مۇناسىۋىتىنىڭ سىجىل، ساغلام، مۇقىم تەرەققىياتىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈشنى تەكىتلىدى.
ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 7-ئاپرېل بېيجىڭ «خەلق سارىيى»دا ۋيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى نگۇيەن پۇ تروڭ بىلەن سۆھبەتلەشتى. سۆھبەتلىشىشتىن ئىلگىرى، شى جىنپىڭ «خەلق سارىيى»نىڭ شەرقىي ئىشىكى سىرتىدىكى مەيداندا نگۇيەن پۇ تروڭنى قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرى پاڭ سىڭلېي فوتوسى)
خەلق گېزىتى، بېيجىڭ، 7-ئاپرېل تېلېگراممىسى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 7-ئاپرېل «خەلق سارىيى»دا ۋيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى نگۇيەن پۇ تروڭ بىلەن سۆھبەتلەشتى. ئىككى پارتىيەنىڭ باش شۇجىلىرى قارشى تەرەپ دۆلىتىنىڭ تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى باھالاپ، ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى، خەلقئارا ۋە رايون ۋەزىيىتى قاتارلىق ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەر توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى. ئىككى تەرەپ جۇڭگو-ۋيېتنامنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنى قەدىرلەپ ۋە قوغداپ، ئۇزاق مۇقىملىق، كەلگۈسىگە يۈزلىنىش، دوستانە، ئىناق ئۆتۈش، ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىق فاڭجېنى ۋە ياخشى قوشنا، ياخشى دوست، ياخشى يولداش، ياخشى شېرىك روھىغا ئاساسەن، جۇڭگو-ۋيېتنامنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق شېرىك مۇناسىۋىتىنىڭ سىجىل تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە بەخت يارىتىشنى تەكىتلىدى.