جۇڭگو ئاخبارات تورى خەۋىرى: جۇڭگو تىنچلىق ساقلاش پىيادە ئەسكەرلەر باتالىيونىنىڭ ئايال ئەسكەرلەر بەنىدىكى 13 نەپەر ئايال ئەسكەر 7-ئاپرېل كەچ جىنەن ياۋچياڭ ئايرودۇرۇمىدا 117 نەپەر ئەر ئەسكەر بىلەن بىرلىكتە تىنچلىق ساقلاش قىسمىنىڭ مەخسۇس ئايرودۇرۇمىغا ئولتۇرۇپ جەڭگە ئاتلاندى. بۇ جۇڭگودىن چىقىپ خەلقئارا تىنچلىق ساقلاش ۋەزىپىسىگە ئاتلانغان تۇنجى ئايال پىيادە ئەسكەرلەر بەنى ھېسابلىنىدۇ. توققۇز ئۆلكە، ئۈچ قىسىمدىن كەلگەن بۇ 13 ئايال ئەسكەر 268 كۈنلۈك كەسكىن، جاپالىق مەشقتىن كېيىن تاللاپ چىقىلغان بولۇپ، ئۇلار سۇدانغا بېرىپ ئاۋام پۇقرا ۋە ب د ت خادىملىرى-ئەسلىھەلىرىنى قوغداش، ئىنسانپەرۋەرلىك قۇتقۇزۇش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىش، شۇنداقلا چارلاش، مۇھاپىزەت قىلىش قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتەيدۇ.